kSmئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
kSmئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
kSmئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
تەيۋەن «بىرلەشمە ئاخبارات تورى »نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان «قارا شەپكە» كومپىيوتىر بىخەتەرلىك يىغىنى 28-ئىيۇل لاسۋىگاستا ئېچىلغان، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى مۇتەخەسىسى پۇل بەرگۈ(ATM)نىڭ سېستېمىسىنى يېشىپ كىشىلەرگە پۇل بەرگۈنى بۇزۇشنىڭ ناھايىتى ئاسانلىقىنى كۆرسىتىپ قويغان. ئۇ پەقەت كونۇپكىنى بېسىپلا قويسا توختىماستىن پۇل چىقىۋەرگەن.kSmئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ مۇتەخەسىسى ئىككى دانە پۇل بەرگۈ سېتىۋېلىپ، ئىككى يىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ، ئاخىرى پۇل بەرگۈدىكى يوچۇقنى تېپىپ چىققان.kSmئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
ئۇ بىر زاۋۇت ئىشلەپچىقارغان پۇل بەرگۈنىڭ ئاچقۇچلىرىنىڭ ھەممىسى ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقىغان، پەقەت ئاچقۇچنى تاپسىلا، پۇل بەرگۈنىڭ ئىچىدىكى USB ئەسۋابىنى ئاچقىلى بولىدىكەن، ئاندىن تەييارلاپ قويغان پۇل بەرگۈ سېستىمىسىنى يېشىش سېستىمىسى قاچىلانغان دېسكىنى سالسىلا، پۇل بەرگۈنى توختىماستىن پۇل «بەرگۈزگىلى» بولىدىكەن. بۇ خىل ئاچقۇچ توردا سېتىلىدىغان بولۇپ، باھاسى 10 دوللارغىمۇ يەتمەيدىكەن.kSmئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
|