نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:باشبەت > مەدەنىيەت > ئۆرۈپ ئادەت
خەلق ئۇسۇلى
ۋاقتى:2010-04-22 مەنبەسى: ئاپتۇرى : يوللىغۇچى:   ساقلىۋېلىش

5y4ئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

   خەلق ئۇسۇلى – ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇسۇل سەنئىتى، ئۇزۇن تارىخىي ئەنئەنىگە ئىگە، قەدىمىي ئۇيغۇر خەلقى، كۆپ ھاللاردا ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئويناپ، كۆچمەن چارۋىچىلىق، ئوۋچىلىق مەنزىرىسى ۋە مول- ھوسۇل شاتلىقىدىكى ھېسسىياتنى ئىپادىلەيتتى. بىز «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى قەدىمىي «ئوۋ ناخشىسى» دىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ ئوۋدىن قايتىپ كېلىپ، گۈلخان يېقىپ، ناخشا توۋلاپ، ئۇسسۇل ئوينىغانلىق مەنزىرىسىنى كۆرىمىز.5y4ئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

   ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئۇسۇلى – ئۆزلىرىنىڭ خەلق ئۇسۇلىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش بىلەنلا قالماي، يەنە تېخى شەرق-غەربتىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئۇسۇل جەۋھەرلىرىنى كەڭ تۈردە قوبۇل قىلدى. بولۇپمۇ قەدىمىي كۈسەن ۋە سۇلى (قەشقەر)، ئىدىقۇت ئۇسۇللىرىغا مەخسۇس ۋارىسلىق قىلدى. ئەينى ۋاقىتتا كەڭ تارقالغان «غۇزقويۇن ئۇسۇلى»، «غۇز (ئۇيغۇر) سەكرىمە ئۇسۇلى»، «شاش ئۇسۇلى» «تىلەك ئۇسۇلى»، «رەيھان ئۇسۇلى» قاتارلىقلار ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئۇسسۇل سەنئىتىنى بېيىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى.5y4ئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

   خەلق ئۇسۇللىرىدا باش ۋە قولنىڭ بېغىش ھەرىكىتى كۆپ بولىدۇ. بويۇن، باش ھەرىكەتلىرى ۋە قول بېغىشلىرىنىڭ ئۆزگىرىشچان ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆتۈرەڭگۈ – مەردانە، تىك ھالىتى ھەمدە ئەپلىك كۆز ھەرىكىتىنىڭ ماسلىشىشى ئۇسۇلىنىڭ تۈسىنى ئۆزگىچە قىلىدۇ. بويۇننى ھەرىكەتلەندۈرۈش، پىقىراش – ئۇيغۇر خەلق ئۇسۇلىدىكى ئۆزگىچە ئىپادىلەش ئۇسلۇبى.5y4ئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

5y4ئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

   ئۇيغۇر ئۇسۇللىرىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولغاچقا، ئىپادىلەش شەكلى جەھەتتىن، ناخشا ئۇسۇل ۋە مۇزىكىلىق ئۇسۇلىغا ئايرىلىدۇ. نۇرغۇنلىغان ئەنئەنىۋى خەلق ئۇسۇللىرى ئىچىدە «سەنەم» ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئەڭ كەڭ ئومۇملاشقان ئەل ئىچى ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى. ئۇ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب-شىمالىدىكى شەھەر، بازار، يېزا، كەنتلەرگىچە تارقىلىپ، كەڭ ئۇيغۇرلار ئاممىسىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشمەكتە. بۇ ئۇسۇل ئىنتايىن ئەركىن، جانلىق، مۇقىم بېكىتىلگەن تەلەپ بولمايدۇ، ئۇسۇلچى شاتلىق ئىچىدە ئوينىيالايدۇ. بىر ئادەم تەنھا ئوينىسىمۇ، ئىككى ئادەم ئوينىسىمۇ، ئۈچ، تۆت، بەش ئادەم ئوينىسىمۇ ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ كىشى بىللە ئوينىسا بولىۋېرىدۇ. ئۇسۇل ھەرىكىتى لىرىكىلىق، گۈزەل، جىلۋىلىك ھەرىكىتى كۆپ بولىدۇ. ھېيت، بايرام، توي-تۆكۈن كۈنلىرى ۋە ئەل-ئاغىنىلىرى جەم بولغاندا، ئۇيغۇرلار «شادىيانە» (ئۇيغۇرچە مەنىسى «شاتلىق») ئۇسۇلىنى ئوينايدۇ، بۇمۇ ئۇيغۇرلار ئاممىسى ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان ئەل ئىچى كوللېكتىپ ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ. ئۇسۇلچىلارنىڭ سانى چەكلەنمەيدۇ، ئاساسىي قەدەمدە يېنىك تاقلاش ئاساس قىلىنىپ، ئىككى قول كۆتۈرۈلۈپ، قول ئالقىنى ئىچكىرى-تاشقىرى تىز سۈرئەتتە ھەرىكەتلىنىدۇ. كىشىگە بىر تۈرلۈك شاتلىق، كۆڭۈللۈك ھېسسىيات بېغىشلايدۇ. بۇ، ئۇسۇل ئەل ئىچىدە ناھايىتىمۇ كەڭ ئومۇملاشقان. ھەرقانداق ھېيت، ئايەم، داغدۇغىلىق يېغىلىشلاردا ئۇيغۇلار سۇناي، ناغرىنىڭ رېتىملىق ئاۋازى ئىچىدە بۇ شاتلىق ئىچىدىكى سىلىق ئۇسۇلى بىلەن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۆزلىىنىڭ خوشاللىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدۇ. يەكەن دەرياسى بۇيىدىكى مەكىت، مارالبېشى (بارچۇق)، يەكەن، ئاۋات قاتارلىق جايلاردا يەنە تېخى يەرلىك تۈسكە ئىگە «دولان ئۇسۇلى» نى ئۇيۇشتۇرىدۇ، بۇنىڭغا مۇزىكا ماسلىشىپ، «دولان سەنىمى»، «دولان مۇقامى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ئۇيغۇرلارنىڭ بۇرۇنقى يايلاقلاردا كۆچمەن چارۋىچىلىق قىلغان تۇرمۇشىنىڭ قويۇق ھىددىنى، ئوۋچىلىق قىلغاندىكى ۋە ئۇرۇشتىكى ئىزنالىرىنى ئەسلەتكەچ، ئۇيغۇر ئەمگەكچى خەلقنىڭ باتۇر ئۇرۇشقا ماھىر خاراكتېرىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. ئۇسۇل ھەرىكىتى جۇشقۇن، ناخشا ئاھاڭى سەمىمىي، ئۇسۇل يىغىلىشى كۆپ ھاللاردا تاڭغا يېقىن داۋاملىشىپ، كىشىلەر ئېچىلىپ-يېيىلىپ تارقايدۇ، تۇرپان قاتارلىق جايلاردا يەنە تېخى ئۆزگىچە تۈسكە ئىگە. «نازىركۇم» ئۇسۇلىمۇ بار. بۇ ئۇسۇل ئەمگەك، تۇرمۇش ۋە ھايۋانلارنىڭ ھەرىكەتلىرىگە تەقلىد قىلىنىپ شەكىل جەھەتتە جانلىق، ئەركىن، ئىپادىلىنىشى يۇمۇرلۇق، قىزىقارلىق كۆپ ھاللاردا ئەرلەرلا ئورۇنلايدۇ، ئىككى ئادەم بىر گۇرۇپپا بولۇپ ئوينىلىدۇ.5y4ئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

5y4ئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

   ئۇندىن باشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئەل ئىچى ئۇسۇللىرى ئىچىدە يەنە جابدۇقلۇق ئوينىلىدىغان ئەل ئىچى ئۇسۇللىرىمۇ بار. مەسىلەن: تەخسە ئۇسۇلى، ساپاي ئۇسۇلى، داپ ئۇسۇلى، ساماۋۋەر ئۇسۇلى، تاش ئېتىش ئۇسۇلى، ئوق ئۇسۇلى، توخۇ ئۇسۇلى قاتارلىقلار، ئۇلارنىڭ ئورتاقلىقى جابدۇقلارنى گۈزەل ئۇسۇل ھەرىكىتىگە جېپسىلاشتۇرۇپ، ئۇلاردىن قۇلاققا ياقىدىغان سادا چىقىرىپ، سەنئەتنىڭ جەلپكارلىقىنى ئاشۇرۇش.5y4ئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

   1949-يىلدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئۇسۇل سەنئىتى تولۇق تەرەققىيات ۋە يۈكسىلىشىگە ئېرىشىپ، مەخسۇس كەسپىي ئۇسۇل ئۆمىكى قۇرۇلۇپلا قالماي، يەنە تېخى ئۇسۇل خادىملىرىنى تەربىيىلەش مەكتەپلىرىمۇ قۇرۇلدى.5y4ئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
 5y4ئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى


   تەۋسىيەلەر    

يىرىم جۈزە سىزىش ئۇسۇلى
يىرىم جۈزە
تەخسە سىزىش
تەخسە سىزى
چىرايدىكى داغنى يوقۇتۇش    2 (PS)
چىرايدىكى
چىرايدىكى داغنى يوقۇتۇش (PS)
چىرايدىكى
Alpha قانالدىن پايدىلىنىش (PS)
Alpha قانالدى
photoshop ۋە ئۇنىڭ قىستۇرمىلىرنى قاچىلاش
photoshop ۋە ئۇ
بەك تاتلىق شۇملار
بەك تاتلىق
ئوقۇلمىغان خاتىرىلەر
ئوقۇلمىغان
بارماق دىسكىنى چەكلەش ئۇسۇلى
بارماق دىس

كۆپ كۆرۈلگىنى
  1. ھېيتگاھ جامەسىنىڭ تارىخى
  2. ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىۋى ئولتۇراق ئۆيلىرى
  3. كىيىم – كېچەك مەدەنىيىتى
  4. لوپنۇرلۇقلارنصڭ ئةجدادص كصملةر؟
  5. قۇربان ھېيىت1
  6. مۇسەللەس
  7. قوچقار سوقۇشتۇرۇش
  8. ھەر خىل ئۇيغۇر دوپپىلىرى
  9. ئوغلاق تارتىشىش
  10. خەلق ئۇسۇلى
ئەڭ يېڭى مەزمۇن