دارۋازلىق – يەنە «دارغا چىقىش» مۇ دېيىلىدۇ. خەنزۇچىدا بۇشلۇقتا ئارغامچا دەسسەپ مېڭىش دېيىلىدۇ. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنەنىۋىي ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقە تۈرى، ئۇنىڭ تارىخىي ئۇزۇن، خەنزۇچە تارىخىي كىتابلاردا ئۇنى «ئارغامچىدا مېڭىش»، «سىمدا مېڭىش»، «يۇمشاق سىمدا مېڭىش»، «سىم دەسسەش» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىغان. ncwئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
ئۇيغۇر شائىرى قۇربان بارات ئۆزىنىڭ «ئاق روماللىق پەرىزات» دېگەن داستانىدا: ئۇيغۇرلارنىڭ تېخى شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلىۋاتقان دەۋرىدىلا مول-ھوسۇلنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن سەنئەتكارلارنىڭ ئېگىزدارلارنى باغلاپ، ئۇنىڭغا رەڭگارەڭ لىنتىلارنى ئېسىپ، رېتىملىق، مۇزىكا ساداسى ئىچىدە بوشلۇقتا ئارغامچا ئۈستىدە تۈرلۈك خەتەرلىك ھەرىكەتلەرنى قىلىپ، كۆك تەڭرىگە بولغان ئېتىقاد، ھۆرمىتىنى ئىپادىلىگەن. ئۇ داستاندا بۇ مەنزىرىنى مۇنداق ئىپادىلىگەن: ncwئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
سەل يېراقتا – قارا شېغىل تۈزلەڭدە، ncwئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
يۈكسەك قىلىپ دار باغلىدى دارۋازلار. ncwئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
بىر ئويۇنچى قىل ئارغامچا ئۈستىدە، ncwئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
قىلدى ھەرخىل ماھىرانە پەرۋازلار. ncwئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
لەپىلدەيتتى قىزىل، يېشىل ئەلەملەر، ncwئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
ناغرا، دۇمباق تۇرار ئىدى گۈمبۈرلەپ. ncwئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
ئويۇنچىغا ياغدى خوشال ئالقىشلار، ncwئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
ئىگىزلىككە بارغان چاغدا ئۇ ئۆرلەپ. ncwئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
چوقان سالار ئىدى پەستە شامانلار، ncwئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
بۇ ئويۇننى چۈشەندۈرۈپ ھەممىگە. ncwئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
بۇ ئاسمانغا ئىنتىلىشتىن بىر تىمسال، ncwئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
گۈزەل روھنىڭ يۈكسىلىشى تەڭرىگە!....ncwئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
ncwئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
شىنجاڭنىڭ باي ناھىيىسى ئەتراپىدىكى قىزىل مىڭ ئۆي تام رەسىملىرىدە، دارۋازلىق ئىپادىلەنگەن رەسىملەر ساقلانغان. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق موزېيىدىكى 7-، 8 –ئەسىرلەرگە توغرا كەلگەن ئاستانە قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان قونچاقلار ئىچىدە بىر جۈپ قولىغا لەڭگەر تۇتقان. پۇتىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇرغان رەسىم چۈشۈرۈلگەن ساپال ئىدىش بولۇپ، رەسىمدىكى شەكىللەر ھازىرقى دارۋازلىق ئويۇنىغا ئوخشايدۇ. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىمۇ «كىشىلەر كۆرسەتكەن دارۋازلىق ماھارىتى – ئارقان ئۈستىدە سېرىك ئوينىغانغا ئوخشاش» دەپ خاتىرىلەنگەن. ncwئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەل ئىچىدە تارقىلىپ يۈرگەن دارۋازلىققا ئائىت مۇنداق بىر رىۋايەت بار. قەدىمكى زاماندا، ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان بىر شەھەر بولغان ئىكەن. شەھەردە بىر ئالۋاستى پەيدا بولۇپ، خالىغىنىچە ئەسكىلىك قىلىپ، دائىم كىشىلەرگە بالايى –ئاپەت كەلتۈرۈپ، پۈتۈن شەھەر خەلقىگە ئارام بەرمەپتۇ. كىشىلەر ئۇنى يوقاتماقچى بوپتۇ، ئەپسۇسكى، ئۇ ھاۋادا ئۇچۇپ يۈرۈپ، بوران چىقىرىپ، يامغۇر ياغدۇرىدىكەن، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوبۇل ئىسىملىك بىر يىگىت، بۇ ئالۋاستىنى يوقىتىپ، خەلق ئۈچۈن ئاپەتنى تۈگىتىش ئىرادىسىگە كېلىپتۇ. ئۇ، بۇلۇتقا تاقاشقىدەك يوغان تۈۋرۈكتىن بىر قانچىنى بېكىتىپ، تۈۋرۈكلەر ئارا توم زەنجىر تارتىپتۇ. ئالۋاستى شەھەر بوشلۇقىدا پەيدا بولغان ھامان، ئۇ جەبدەسلىك بىلەن زەنجىر ئۈستىگە چىقىپ، ئالۋاستى بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپتۇ. ئاخىرقى ھېسابتا ئالۋاستىنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ، ئەل ئۈچۈن زور بىر ئاپەتنى يوقىتىپتۇ. بۇ پائالىيەت شۇندىن باشلاپ تارقىلىپتۇ ھەم راۋاجلىنىپ، بۈگۈنگىچە كەپتۇ. ncwئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
«دارۋازلىق» ھەم ئەل ئىچىدە ئوينىلىدىغان كامالەتكە يەتكەن سەنئەت، ھەم ئونىۋېرساللىققا ئىگە ستېرىئولۇق تەنھەرىكەت پائالىيىتى، ئۇنىڭ سايمانلارغا مۇئەييەن تەلىۋى بولىدۇ. پۈتكۈل ئويۇن يەردىكى، كۆكتىكى، چىغىرىقتىكى ھەرىكەت ۋە سەنئەت ئويۇنلىرى قاتارلىق بىرقانچە مەزمۇندىن تەركىب تاپىدۇ. ئۇنىڭ مەيدانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى يۈز مېتر، كەڭلىكى ئاتمىش مېتر بولۇپ، ئاساسىي تۈۋرۈكنىڭ ئىگىزلىكى ئوتتۇز مېتر ئەتراپىدا، ئادەتتە ئون مېتردىن ئېگىز ئۈچ ئوق ياغاچتىن ئۇلىنىش بىلەن ئوتتۇز مېتردىن ئېگىز تەييارلىنىدۇ. دار ئۈستىگە تاختا پەردە ئورنىتىپ ئۈستىنى قىزىل شەلپەرەڭ بىلەن گۈمبەز شەكلىدە ياسايدۇ. ئۇنىڭ ئۈچ بايرىقى بولىدۇ. تاختا پەردە ئاستىغا ئۈچ مېترلىق ياغاچ توغرىسىغا باغلىنىپ، ئىككى بېشىغا يالاڭ چىغىرىق ئۇچما چىغرىق بېكىتىلىدۇ. ئوڭ تەرەپكە ئىلەڭگۈچ شەكلىدە ئارغامچا تېڭىپ، ئىككى ئۇچىنى تاختاينىڭ ئىككى بېشىدىن چىگىپ قويىدۇ. سول تەرەپكە يەنە ئارغامچا چىگىپ دىئامېترى ئوتتۇز سانتېمېتر تۆمۈر ھالقا بېكىتىدۇ. دار ئارغامچىسى سەكسەن مېتر بولۇپ، ئوق ئارغامچا دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ بىر ئۇچى تاختا پەردىنىڭ ئاستىغا، تۆۋەن ئۇچىنى قىرىق بەش گىرادۇسلۇق قىلىپ، يەرگە قوزۇق قېقىپ باغلايدۇ. ئارغامچىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلايدىغان، ئىككى تەرەپكە تارتىپ تۇرىدىغان پەردە ئارغامچا بولىدۇ.ncwئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
ncwئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
ئەنئەنىۋىي ئويۇن كۆرسىتىش يەر يۈزىدە ئويون كۆرسىتىش ۋە كۆكتە ئويون كۆرسىتىشتەك ئىككىگە بۆلىنىدۇ. ئويۇن كۆرسەتكۈچى ئالدى بىلەن يەر يۈزىدە ماھارەت كۆرسىتىدۇ. كۆرسىتىدىغان ئويۇنلىرى ئاساسەن موللاق ئېتىش، قۇرۇق قول ئېلىشىش، سېرىك ئويۇنى، چىنە ئويۇنى، سىھىرگەرلىك قاتارلىقلار. دار ئۈستى ئويۇنى «دارۋازلىق» نىڭ ئەڭ قالتىس قىسمى. ئويۇن كۆرسەتكۈچى ئالتە مېتر ئۇزۇنلۇقتىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش خادىسىنى ئېلىپ، يالاڭ ئاياق يەردىن ئېگىزلىكتىكى دار ئۈستى ئارغامچىسىغا چىقىدۇ. ncwئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
دار ئۈستى ماھارىتى ئارقان ئۈستىدە يالاڭ ئاياغ مېڭىش، ئولتۇرۇش قوپۇش، ئارقانغا مىنىش، ئارقاندا موللاق ئېتىش، كۆزىنى تېڭىپ مېڭىش، پۇتىغا تەخسە تېڭىپ مېڭىش، تاقلاپ مېڭىش، ياغاچ ئاياق بىلەن مېڭىش، داردىن سېرىلىپ چۈشۈش، بەلنى چىغرىقتا قويۇپ، ئۆزىنى تۆۋەنگە ئېتىش، چىغرىقتا قولتۇققا قىسىپ تۇرۇش، چىغرىقتا ئولتۇرۇپ ئۆزىنى ئارقىغا ئېتىش، چىغرىق ياغىچىغا پۇتىنىڭ ئۇچىنى ئېلىپ تۇرۇش، بىر پۇتتا چىغرىقتا تۇرۇش، بوشلۇققا شۇڭغۇش ھالىتىدە تۇرۇش، چىغرىق ھالقىسىغا بىر پۇتىنى بىر تەرىپىگە قويۇپ پىرقىراش، ئىككى ھالقىغا پۇتىنى سېلىپ ئۆزىنى تۆۋەنگە تاشلاش، ئۇنىڭدىكى ئاساسىي ھەرىكەتلەر ھازىرقى زامان گىمناستىكا ھەرىكىتى بىلەن ئوخشاش، «دارۋازلىق» دا ماھارەت كۆرسىتىش ئادەتتە بىر پەدە مۇزىكىنى بىر مەيدان باسقۇچى قىلىدۇ. داۋاملىق ماھارەت كۆرسەتسىمۇ بولىدۇ. ۋاقىت چەكلەنمەيدۇ. ماھارەت كۆرسەتكۈچى بوشلۇقتا ئارغامچىدا مېڭىپ ئويۇن كۆرسىتىدۇ. تۆۋەندە بولسا ناخشا- ئۇسسۇل، سۇناي، داپ، راۋاپ قاتارلىقلار بىلەن ئەلنەغمىچىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئون ئىككى مۇقامىنى چالىدۇ. ئۇيغۇر قىزلىرى لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ. «دارۋاز» دا ماھارەت كۆرسەتكۈچى مۇزىكا رېتىمىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ناھايىتى مۇرەككەپ، قېيىن ھەرىكەتلەرنى قىلىپ، بوشلۇقتىكى ھەرىكەت بىلەن يەردىكى نەغمە-ناۋا بىر-بىرىگە ھەمدەمدە بولۇپ، بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ. «دارۋازلىق» ئەجدادتىن-ئەجدادقا نەسەپ بولۇش شەكلىدە ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملاشماقتا. ncwئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
ncwئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
|