نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:باشبەت > مەدەنىيەت > تىل–يېزىق
خەتتاتلىق ئۇسلۇبى
ۋاقتى:2010-04-22 مەنبەسى: تەڭرىتاغ تورىئاپتۇرى :سەرسان يوللىغۇچى:   ساقلىۋېلىش

ئۇيغۇر خەتتاتلىقى – ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تۈرلۈك سەنئەت شەكلى. ئۇ، ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئەنئەنىۋى شەكلىگە ۋارسلىق قىلىش بىلەن بىرگە يەنە ئەرەپ، پارس خەتتاتلىق سەنئتىىنىڭ ئالاھىدىلىكىنىمۇ قوبۇل قىلىپ، ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب شەكىللەندۈرۈپ، مەتبەئە، قۇرۇلۇش، ئويمىچىلىق، كەشتىچىلىق قاتارلىق جەھەتلەردە كەڭ تۈردە ئىشلىتىلمەكتە.Bvuئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

ئۇيغۇر خەتتاتلىقى – ئۇزۇن تارىخ ۋە ئۆزگىچە ئۇسلۇبقا ئىگە. ئوخشىمىغان تارىخىي مەزگىللەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ئۆز مىللىتى قوللانغان يېزىقلار بىلەن ئۆزگىچە خەتتاتلىق سەنئىتىنى يارىتىپ، نۇرغۇن ئاجايىپ چىرايلىق سەنئەت ئەسەرلىرىنى قالدۇردى. ئۇ تۈرلۈك مۆھۈر خەت، قول يازما، ئابىدە يېزىقلىرى ۋە دۇنخۇاڭ، تۇرپان، كۇچا قاتارلىق جايلاردىكى بۇتخانا، مىڭ ئۆي تام رەسىملىرىدىكى كىرىش سۆز ۋە ئاخىرقى سۆز ھەمدە مەسچىت، مازار (قەۋرە)، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىدىكى بادرا، كاھىش، نەزىر-چىراق مېھرابلىرىدا گەۋدىلەندى.Bvuئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

Bvuئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

ئورخۇن ۋادىسىدىن  يېنسەي دەريا ۋادىلىرىغىچە بولغان ئابىدە، دۇنخۇاڭ، تۇرپاندىكى يازما ھەم تام رەسىملىرىدىكى بېغىشلىمىلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ خەتتاتلىق سەنئىتىنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار، ئەرەپ پارس يېزىقىدىكى خەتتاتلىق سەنئىتىنى ئۈزلۈكسىز قوبۇل قىلىپ، ئۆز مىللىتى، رايونىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە مول خەتتاتلىق ئۇسۇلىنى يارىتىپ، خەتتاتلىقتا نۇرغۇن ئېسىل ئەسەرلەرنى ياراتتى. بۇ ئەسەرلەر مەسچىتلەرنىڭ تاملرىىدا، ئۇيۇقلىرىدا، نەزىر-چىراق پەشتاقلرىىدا، قەۋرە ۋە قەدىمىي قۇرۇلۇش تاملىرىدا ياكى قەدىمىي ئەسەر ۋە قول يازما شەكلىدە مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۈتۈپخانا ۋە موزېيلاردا ساقلانماقتا. تارىختا ئۆتكەن خەتتاتلارنىڭ كۆپچىلىكى دىنىي تۈسىنى ئاساس قىلغان خەتتاتلىق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ھازىرقى زامان خەتتاتلىرى ئۆزگىچە قىياپەت بىلەن، ئەنئەنىۋى خەتتاتلىق سەنئىتىگە ۋارسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ياخشىلاپ ۋە يېڭىلاپ، ئۇنى ھەقىقى تۈردە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ سەنئىتىگە ئايلاندۇردى.Bvuئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

Bvuئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

   ئۇيغۇر يېزىقىدىكى خەتتاتلىق سەنئىتى ئۇزۇن مەزگىللىك تارىخي تەرەققىيات داۋامىدا نۇرغۇن داڭلىق خەتتاتلارنى مەيدانغا كەلتۈردى. بۇ خەتتاتلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىشى، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇشى بىلەن ئون نەچچە خىل خەت نۇسخىسى شەكىللەندى. بۇ خەت نۇسخىلىرىنىڭ ھەر قايسىسى ئۆزگىچە يېزىش ئۇسۇلى ۋە سەنئەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر خەتتاتچىلىقىدا ئاساسەن: تۈز خەت نۇسخىسى، سۇلۇس خەت نۇسخىسى، نەسخى خەت نۇسخىسى، ئەسلىيە خەت نۇسخىسى، رۇقىئى خەت نۇسخىسى، رەيھانىي خەت نۇسخىسى، ئىجازەت خەت نۇسخىسى، تەئىلىق خەت نۇسخىسى، كۈفى خەت نۇسخىسى، شەترەنجى خەت نۇسخىسى، دىۋانى خەت نۇسخىسى، جەللى خەت نۇسخىسى، تۆۋئەم خەت نۇسخىسى، تەسۋىرىي خەت نۇسخىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.Bvuئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

Bvuئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

   ئادەتتە كىشىلەر ئۇيغۇرچە خەتنى كۆپ ھاللاردا سىياھ قەلەم، ماي قەلەم ياكى قېرىنداش قەلەم بىلەن يازىدۇ. ھالبۇكى خەتتاتلىق ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا، كۆپ ھاللاردا بامبۇك، قۇمۇش، قارىغاي نوكچىسىنى قەلەم قىلىدۇ. قەلەم ئۇچىنى قېيپاش ئۇچلاپ، كەڭلىكىنى 2 مىللىمېتىردىن 3 مىللىمېتىرغىچە قىلىدۇ، ئاندىن قەلەم ئۇچىنىڭ قېيپاشلىق گىرادۇسىنى 15 گىرادۇستىن 35 گرادۇسقىچە، قەلەم ئۇچىنىڭ ئارىلىقىغا 1 مىللىمېتىردىن 1.5 مىللىمېتىرغىچە يوچۇق قالدۇرۇلىدۇ. ئەگەر چوڭراق خەت يېزىشقا توغرا كەلسە، قىسقا مويدا ياسالغان يالپاق چوتكا قەلەم ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.Bvuئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى


   تەۋسىيەلەر    
كۆپ كۆرۈلگىنى
  1. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى توغۇرلۇق . ئۇيغۇر بو
  2. قەدىمكى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىملار
  3. خەتتاتلىق ئۇسلۇبى
  4. ئانا تىل ۋە ئىككىنچى تىل
  5. ئۇيغۇر ئەرەپ يېزىقى ۋە ئۇيغۇر لاتىن يېز
  6. قوش تىللىق مائارىپ (2)
  7. ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر قىسىم قەدىمى سۆزلەرن
  8. ئىلىم - پەن تارىخچىلىرى 20 - ئەسىرنى
  9. قوش تىل ئۆگىنىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى س
  10. تىنىش بەلگىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قوللىنىشى
ئەڭ يېڭى مەزمۇن