نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:باشبەت > مەدەنىيەت > ئۆرۈپ ئادەت
ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ قۇلاق تېشىش ئادىتى
ۋاقتى:2012-01-28 مەنبەسى: ئىزباسار تورىئاپتۇرى :ساھىبە يوللىغۇچى:   ساقلىۋېلىش

W020110715355354399165.jpgcR2ئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

ئۇيغۇرلاردا قىز بالا يەتتە ياشقا كىرگەندە قۇلىقىنى تېشىپ ھالقا سېلىپ قويۇش ئادىتى بار بولۇپ، بۇ ئادەت ناھايىتى ئۇزاق زامانلاردىن بېرى ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلمەكتە. گەرچە بۇ ئادەت ئالاھىدە بىر مۇراسىم شەكلىنى ئالمىغان بولسىمۇ، ئاتا-ئانىنىڭ زىممىسىدىكى چوقۇم ئۆتەشكە تېگىشلىك بىر مەسئۇلىيەت، دەپ قارىلىدۇ. بۇ ئادەتكە ئاتىلار ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىسىمۇ، ئانىلار بىر خىل مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن قارايدۇ. ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئۈچ ياشقا كىرگەندىن باشلاپ قۇلىقى تېشىلىدۇ. ئەنئەنىۋى قۇلاق تېشىش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددىي ھەم بىخەتەر بولۇپ، كىشىلەر قىزلىرىنىڭ قۇلىقىنى تەشتۈرۈشتە بىرەر موماينى تەكلىپ قىلىدۇ. موماي قىزنىڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىنى قوناق ياكى چىگىت بىلەن ئۇزاق ئۇۋۇلاپ، قۇلاق يۇمشىقىنىڭ قېنىنى قاچۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن يىڭنە بىلەن قۇلاقنى تېشىدۇ-دە، ئىچىگە سۈپۈرگە تېلى ياكى چاي شامىسىنى سانجىپ قويىدۇ. ناۋادا قۇلاقتىكى ئەسلىي تېشىلگەن تۆشۈك پۈتۈپ قالسا، بۇزۇلۇپ كەتسە، ئاندىن 2-قېتىم يەنە تۆشۈك تېشىدۇ. قىز بالىنىڭ قۇلىقىنى تەشكەندە ئۇنىڭ چىدىماي يىغلاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا بىر-ئىككى تال تۇخۇم ياكى بىرەر نەرسە يىگۈزۈپ قويىدۇ. قىزلارنىڭ قۇلىقىنى تەشكۈزگەن كۈنى ئانىسى ئۇلارغا چىرايلىق بىر جۈپ ھالغا ياكى بىرەر سوۋغات ئېلىپ بېرىش بىلەن قىزىنىڭ كۆڭلىنى ئالىدۇ ھەمدە بىرەر ئايغىچە ئۇنىڭ قۇلىقىنىڭ ئەتراپىغا يارا-چاقىلارنىڭ چىقىپ قالماسلىقى ئۈچۈن مايلاپ، ھەر خىل مەلھەملەرنى سۈرتۈپ تۇرىدۇ. قۇلاق ئاساسەن ئۆرۈك چېچەكلىگەن پەيتلەردە تېشىلىدۇ.cR2ئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ قۇلاق تېشىش ئادىتى شەكىللەنگەندىن كېيىن، شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا قىز-ئاياللارغا ھەر خىل ھالقا، مۇنچاقلارنى سوۋغا قىلىش ۋە تويلۇق ئۈچۈن قۇلاققا ئاسىدىغان ھەر خىل زىبۇ زىننەت بۇيۇملىرىنى سوۋغا قىلىش ئادىتى شەكىللەندى.cR2ئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

شۇنىڭدىن كېيىن مەخسۇس ھالقا ۋە زىبۇ زىننەتنى ياساش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھۈنەر تۈرى مەيدانغا كەلدى. ئۇيغۇرلار ئۇلارنى ھالقا، سۆكە، مۇنچاق، زىرە، سىرغا قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتايدۇ. ئۇلار بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە قىزلارنىڭ تويلۇقىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولۇپ قالدى. ئۆز بەدىنىگە مەلۇم زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاش ۋە ئېسىش بىلەن بەدەن گۈزەللىكىنى ئاشۇرۇش ئىستىكى ئۇيغۇرلاردا ناھايىتى بۇرۇنلا شەكىللەنگەن.cR2ئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

قۇلاق تېشىپ ھالقا ئېسىش ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ياسىنىش ئادىتى. بۇ ئۇيغۇر زىبۇ-زىننەت مەدەنىيىتىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.cR2ئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

 cR2ئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

(بۇ ماقالە «ئاسىيا كىندىكى» گېزىتىنىڭ 2011-يىل 8-ئىيۇل سانىدىن ئېلىندى)cR2ئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
 cR2ئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى


   تەۋسىيەلەر    
كۆپ كۆرۈلگىنى
  1. سىگانلار ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى
  2. ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتى
  3. ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى
  4. ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ۋە ئۇنىڭ تۈرگە ئاي
  5. ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش-ياسىنىش مەدىنىيىتى
  6. ئۇيغۇرلارنىڭ بازار مەدەنىيىتى
  7. ئۇيغۇردا دەپنە مەدەنىيىتى
  8. ئاتا ئانىغا ياخشىلىق قىلىش گۈزەل ئەخلاقت
  9. ئۇيغۇرلار ئەخلاق تەربىيىسى
  10. ئۇيغۇرلاردىكى خاسىيەتلىك سان «يەتتە»
ئەڭ يېڭى مەزمۇن