tQyئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
ئۇيغۇر تىلى تەرەققىياتىنىڭ (<ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە> نىڭ ئىككىنچى بۆلىكى) دىكى پاكىتلىرى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ بارلىققا كېلىش تارىخىنىڭ خېلى ئۇزاق تارىخىي دەۋرگە بېرىپ تاقىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. چۈنكى يېزىق بىلەن تىلنىڭ شەكىللىنىشى ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇلارنى بىر- بىرىدىن مۇتلەق ئايرىۋېتىش ماركىسىزىملىق تىلشۇناسلىق ئىلمىگە ئۇيغۇن ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىنىڭ شەكىللىنىش تارىخىغا قاراپ، ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ پەيدا بولىشىنىمۇ پاكىتلارغا تايانغان ئىلمىي پەرەز ئۇسۇلى بىلەن مىلادىدىن خېلى ئۇزاق بىر دەۋرگە سۈرۈش مۇمكىن.tQyئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
ھەممىگە مەلۇمكى، ھونلار ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىككى مىڭ يىل ھۆكۈم سۈرۈپ، شەرقىي تېنچ ئوكياندىن غەربىي كاسپىي دېڭىزىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى خەلقلەرنى ۋە مانجۇرىيە، سىبىرىيەدىكى پۈتۈن قەبىلىلەرنى ئۆزىگە بوي سۇندۇرۇپ، بۇ كەڭ زىمىندىكى 26 تۈركىي دۆلەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، جاھاننى زىل- زىلىگە سالغان بۈيۈك ھون ئىمپىرىيەسىنى قۇرغان. خېيۋا خانى ئوبۇلغازى باھادۇرخان ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئەسىرى <تارىخىي شەجەرىئىي تۈرك> تە ”ئوغۇزخان ئۆزىگە ئۇيغۇر ئاقساقالى ئىرقول غوجىنى ۋەزىر قىلغان“ دىگەن سۆز بار.tQyئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
ئەپسانە ۋە رىۋايەتلەرنى ھىسابقا ئالمىغاندا، تارىختا ئوغۇزخان دىگەن شەخس ئۇچىرىمايدۇ. ئەمما تارىخ ئىلمىي تېخى مەيدانغا كەلمىگەندە، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، بولۇپمۇ ئەپسانە ۋە رىۋايەت، چۆچەك قاتارلىقلار تارىخنىڭ رولىنى ئوينىغانلىقى ئىلمىي ھەقىقەت. شۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، تارىختىكى ھون تەڭرىقۇتى باتۇر تەڭرىقۇت ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئوغۇزخان دىگەن نام ئالغانلىقى مەلۇم. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ھون ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان مۇناسىۋىتىدىن قارىغاندا، ھون تەڭرىقۇتى باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ ئۇيغۇر ئاقساقالى ئىرقول غوجىنى ئۆزىگە ۋەزىر قىلغانلىقى رىياللىققا ئۇيغۇن كېلىدۇ.tQyئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
ھون ئىمپىرىيەسى چىن ۋە ۋىزانتىيە (شەرقىي رىم ئىمپىرىيەسى) قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئالاقە قىلىپ، سودا كېلىشىملىرىنى تۈزگەنلىكى تارىختىن مەلۇم. بۇ كېلىشىملەر ئەلۋەتتە يېزىق بىلەن ئىپادىلىنىشى كېرەك. بىر تەرەپنىڭلا يېزىقى بىلەن يېزىلىش ئەقىلگە سىغمايدۇ، چۈنكى ئۇنداق بولۇش تارىختىكى ھىچقانداق دىپلوماتىيە قائىدىسىگە ئۇيغۇن ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۇنيانى زىل- زىلىگە كەلتۈرۈپ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىككى مىڭ يىل ھۆكۈم سۈرگەن ۋە شۇنچە كەڭ زىمىندىكى شۇنچە كۆپ خەلقنى ئۆز ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرالىغان شۇنداق قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ يېزىقى بولمىغان، دىيىش ئەقىلدىن تولىمۇ يىراق، ئەلۋەتتە.tQyئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
چىننىڭ غەرب بىلەن بولغان سىياسىي مۇناسىۋىتى خەن ۋۇدى زامانىدىن باشلانغانلىقى بىزگە تارىختىن مەلۇم (مىلادىدىن بۇرۇنقى 137- يىللىرى جاڭ چىيەن كەلگەندىن باشلاپ). ئەمما ھونلار مىلادىدىن بۇرۇنقى 770- يىللىرى ئۆتكەن جۇ سۇلالىسى، مىلادىدىن بۇرۇنقى 403- يىللىرىدىكى جەنگو دەۋرلىرىدە چىننىڭ شىمالىغا ھۇجۇم قىلىپ كىردى. يەن، جاۋ، بەگلىكلىرى دەۋرىدە، چىن ھونغا قارشى سېپىل سوقۇشقا مەجبۇر بولدى. كېيىن چىن شىخۇاڭ بۇ سېپىللارنى بىرلەشتۈرۈپ، تارىختا مەشھۇر ئاتالغان 3000 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى سەددىچىن سېپىلىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈپ، ھونلارنىڭ ھۇجۇمىنى توستى. چىن شىخۇاڭ ھايات ۋاقتىدا ھونلار سىددىچىن سېپىلىنى بۆسۈپ ئۆتەلمىگەن ئىدى.tQyئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
خەن گاۋزۇڭ زامانىسىغا كەلگەندە، ھونلار باتۇر تەڭرىقۇت رەھبەرلىكىدە سەددىچىن سېپىلىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، شەنشىنىڭ داتۇڭ دىگەن يېرىدە خەن گاۋزۇڭنى قورشاۋغا ئېلىپ، ئۇلارنى ناھايىتى قورقىتىۋەتتى. خەن سۇلالىسى پادىشاسى خەن گاۋزۇڭ ھونلارنىڭ تەلىپىنى ئورۇنلاشقا مەجبۇر بولۇپ، ئىككى ئوتتۇرىدا كېلىشىم تۈزۈلدى ۋە باتۇر تەڭرىقۇتقا خەن سۇلالىسى پادىشاسىنىڭ قىزى ماۋجۈننى ياتلىق قىلدى. شۇ ۋاقتىدا تۈزۈلگەن بېتىملەر، ئەلۋەتتە ئىككى خىل تىل ۋە ئىككى خىل يېزىقتا يېزىلغان بولىشى مۇمكىن.tQyئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
ئۇندىن باشقا، خەن سۇلالىسى دەۋرىدە، خەن سۇلالىسى ئەمەلدارلىرىنىڭ ھون تەڭرىقۇتىغا يازغان بىرنەچچە پارچە خېتى بار. بۇ خەتلەر يالغۇز خەنزۇ يېزىقىدا يېزىلغان، دىيىشكە ئاساس يوق. بۇنداق خەتلەرنىڭ خېلىلا كۆپ ئىكەنلىكى بىزگە چىن يىلنامىلىرىدىن مەلۇم.tQyئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
يۇقۇرىدىكى پاكىتلار شۇنى ئېنىق كۆرسىتىدۇكى، ھون ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىقى ھازىر ئېيتىلىۋاتقاندەك 4-، 5- ئەسىرلەردە ئەمەس، بەلكى مىلادىدىن خېلىلا بۇرۇن يارىتىلغان بولىشى مۇمكىن. شۇنداق بولغاندا، ھون ئىمپىرىيىسى ئىشلەتكەن تىل ئۇيغۇر تىلى، ھون ئىمپىرىيىسى ئىشلەتكەن يېزىقمۇ ئۇيغۇر يېزىقى، دىيىشكە ھەقلىقمىز.tQyئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
شۇڭا مەشھۇر تۈركشۇناس ۋىنگىر ئالىمى ژورف تىئورنىڭ تۆۋەندىكى پىكرىنى ئاساسسىز دەپ قاراشقا بولمايدۇ: ”ئەڭ قەدىمىي زامانلاردىن بېرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يېزىقلىرى ۋە تۈرك تىللىرىدا يېزىلغان ھەر خىل ئەدەبىياتلىرى بار ئىدى. ئۇيغۇر يېزىقلىرى قەدىمقى زامان تارىخىغا دائىر ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى بىزنىڭ پىكرىمىزنى قەدىمقى جۇڭگو، ۋىزانتىيە (شەرقىي رىم) ۋە پارس مەنبەلىرىدىن ئېلىنغان تارىخىي ھۆججەتلەر ئىسپاتلايدۇ. بارلىق تۈرك خەلقلىرى ئىچىدە ئەڭ قەدىمقىسى ھىساپلانغان ئۇيغۇرلار مىلادىدىن بۇرۇن ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن ئۆزلىرىنىڭ مۇكەممەل يېزىقلىرى ۋە مۇستەقىل ئېلىپبەلىرىگە ئىگە ئىدى. ئۇلارنىڭ بەدىئىي ئەدەبىياتى بولسا، ناھايىتى چىرايلىق ۋە چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ئەدەبىيات بولۇپ، ئۇمۇ مىلادىدىن بۇرۇن ۋۇجۇتقا كەلگەن…… مىلادىدىن 1000 يىل بۇرۇنقى دەۋردىن باشلاپ، ئۆزلىرىگە خاس بولغان يىلنامەلەرنى ياراتقان…“ دەيدۇ. (ۋ. تىئورى <14- ئەسىرگىچە تۈرك سانلىرىدا تارىخىي ئابىدىلەر>، <تۈرك يۇرتى مەجمۇئەسى> 1915- يىل، <شەرق ھەقىقىتى> 1949- يىل 11- سان) ئۇنىڭ بۇ پىكرىنى 10- ئەسىردە شىنجاڭغا كەلگەن ۋاڭ يەندىنىڭ <ئۇيغۇر دۆلەتلىرى توغرىسىدا خاتىرە> لىرىدىمۇ ۋە مەتمەرئىبنى تاھىر ئەلممۇقەتتاسنىڭ <كىتابۇلبەدغ ۋە تتارىخ> دىگەن ئەسىرىدىكى پىكىرلەرمۇ تەستىقلايدۇ. ئەپسۇسكى مانا دەپ پاكىت قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ زاماندا يېزىپ قالدۇرغان خەت- چەك ۋە ھۆججەت ئەسەرلىرىدىن بىزنىڭ زامانىمىزغىچە ھىچبىر نەمۇنىلەر يېتىپ كېلەلمىگەن.tQyئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
يۇقۇرىدىكى قائىدە- داۋلىدىن ئۇيغۇرلار ئىشلەتكەن ئۇيغۇر ئېلىپبەسى ۋە ئورخۇن يېزىقىدىن باشقا يەنە قانداقتۇر بىر يېزىقتىن پايدىلانغان بولىشى ياكى ئۇيغۇر ئېلىپبەسى مىلادىدىن خېلىلا بۇرۇن مەيدانغا كەلگەن بولىشى مۇمكىن، دىگەن خۇلاسىگە كېلىش مۇمكىن. يېقىندا خوتەندىكى ئاق سېپىل خارابىسىدىن تېپىلغان كېسەكلەردىكى كونا ئۇيغۇر يېزىقى بۇ داۋلىنى ئىسپاتلاشقا ياردەم بېرىدۇ. لېكىن بۇنى تېخىمۇ تولۇق ۋە ئېنىق ئىسپاتلاش ئۈچۈن چوڭقۇر ئىزدىنىش كېرەك.tQyئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
خۇلاسە قىلغاندا، قەدىمقى ئۇيغۇرلار دۇنيادىكى ئۇزۇن يىللىق مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە مىللەتلەرگە ئوخشاش ئۆزىنىڭ پىكىر- مەقسەتلىرىنى، ئارزۇ- ئۈمىتلىرىنى بىرەر شەكىل ۋە بىرەر بەلگە بىلەن ئىپادىلەپ بېرىشكە ئىنتىلگەن. بۇ ئىنتىلىش ئۇلارنىڭ يېزىقىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن. 18- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ، بۈگۈنكى دەۋرگىچە بولغان ئارىلىقتا تېپىلغان يازما يادىكارلىقلار، ئابىدىلەر، مەڭگۈ تاشلار، پەن- مەدەنىيەتنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە ئائىت بولغان ھەر خىل ئىلمىي، ئەدەبىي، دىنىي، پەلسەپەۋىي ئەسەرلەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمقى دەۋرلەردىن باشلاپ خېلىلا تەرەققى قىلغان پارلاق مەدەنىيەتكە، مۇكەممەل ئەدەبىي تىلغا ۋە بۇ تىلنى تولۇق، بىمالال ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان ئېلىپبەلىك ئىلغار يېزىققا ئىگە مەرىپەتپەرۋەر خەلق ئىكەنلىكىنى روشەن چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.tQyئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىن تارتىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئەللىرىدىكى تۈركولوگلار، ئۇيغۇرشۇناسلار دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن يازما يادىكارلىقلارنىڭ ماكان، زامان، تىل ۋە يېزىق خۇسۇسىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار مىلادى 4- ئەسىرلەردە رەسمىي يېزىققا ئىگە بولغان، دىگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. ئەمما يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بېرى، تۇرپان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تېپىلغان يازما ۋە ئويما يادىكارلىقلارنىڭ مەيدانغا كەلگەن دەۋرى، تىلى ۋە يېزىقلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەت ئېلىپبەلىك يېزىقتىن پايدىلىنىش تارىخىلا ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا. ئۇيغۇرلاردا رەسىملىك يېزىق ۋە بوغۇملۇق يېزىق بولۇشتىن سىرت، تارىخىي مەلۇماتلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، خوتەندىن تارتىپ كۇچار، ئاقسۇ ئەتىراپىغىچە توخار، تىبەت، سانىسكىرىت (ھىندى)، مانى يېزىقلىرىنى ئىشلەتكەن. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن يىللىق مەدەنىيەت تارىخىي جەريانىدا ئۆزلىرىنىڭ ئىلغار ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەسى ۋە ئىسىل ئەخلاق- پەزىلەتلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، خوشنا مىللەتلەرنىڭ يېزىق مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىپ، باي ۋە گۈزەل مەدەنىيەت ياراتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.tQyئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
يۇقۇرقىلاردىن باشقا، ئۇيغۇرلار ئۇزاق مەدەنىيەت تارىخىي مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتۈش جەريانىدا، <كونا ئۇيغۇر يېزىقى> نى <ئورخۇن- يېنسەي يېزىقى> نى، <سوغدى يېزىقى> نى، قىسمەن خەنزۇ يېزىقىنى، كېيىن ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدا ئىجات قىلغان ھازىر ئىشلىتىۋاتقان <ئۇيغۇر يېزىقى> نى ئىشلىتىپ، دۇنيا مەدەنىيەت غەزىنىسىنى ئۆچمەس ئۇتۇقلار بىلەن بېيىتتى.tQyئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
1. ئورخۇن- يېنسەي (تۈرك- رونىك) يېزىقىtQyئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
تارىخ 9- ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىغا قەدەم قويغاندا، ئۇيغۇر خەلقى ئۆز يېزىقى بولغان <تۈرك- رونىك يېزىقى> نى <قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى> غا راۋاجلاندۇردى ۋە ئۇنى ئومۇمىي يۈزلۈك قوللىنىشقا باشلىدى. بۇ يېزىق تۈرك خانلىقى دەۋرىدە ئىجات قىلىنغىنى ئۈچۈن <تۈرك يېزىقى> دەپ ئاتالدى. بۇ يېزىق ئىسكاندىنوۋىيە يېرىم ئارىلىدىن تېپىلغان قەدىمقى نېمىسلار قوللانغان <رونىك يېزىقى> غا ئوخشاپ كەتكىنى ئۈچۈن، تۈركشۇناسلار ئۇنى <رونىك يېزىقى> دەپ ئاتىدى. ئەمەلىيەتتە تۈركىي خاندانلىقى زىمىنىدىكى بارلىق تۈركىي خەلقلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار بۇ يېزىقنى ئىشلەتكەن، بۇ يېزىق جەمئىي 40 ھەرپتىن تەشكىل تاپقان.tQyئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
ئورخۇن- يېنسەي (تۈرك- رونىك) يېزىقىنى ئۇيغۇرلار 5- ئەسىردىن 8- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان 300 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت قوللانغان.tQyئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
بۇنىڭ بىلەن يېزىلغان يادىكارلىقلار ئورخۇن- يېنسەي ۋادىسىدىن كۆپرەك تېپىلغىنى ئۈچۈن <ئورخۇن- يېنسەي يېزىقى> دەپ ئاتىدى.tQyئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
بۇ يېزىق بىلەن يېزىلغان يادىكارلىقلار 18- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىن 20- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىغىچە، رۇس، فىن، شىۋىت، فرانسۇز، نېمىس، دانىيەلىك ۋە باشقا چەتئەللىك ئارخىئولوگلار، ئالىملار تەرىپىدىن سىبىرىيە، ئورخۇن- يېنسەي دەرياسى ۋادىلىرى، بايقال كۆلى ئەتىراپى، ئالتاي رايونى، شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدىن تېپىلغان بولۇپ، بۇ يادىكارلىقلارنىڭ تىلىنى بىرىنچى قېتىم دانىيەلىك تومسىن، رۇسىيەلىك رادلوپ قاتارلىق ئالىملار ئوقۇپ چىققان ۋە بۇ يېزىقنىڭ تۈركىي خەلقلەر 5- ئەسىرلەردە ئىشلەتكەن يېزىق ئىكەنلىكىنى، تىلىنىڭ تۈركىي خەلقلەر تىلى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان نۇرغۇن ئىلمىي ماقالىلار ئېلان قىلغان. بۇ يادىكارلىقلار 5- ئەسىردىن كېيىنكى دەۋرلەرگە مەنسۈپ بولغىنى ئۈچۈن ئالىملار بۇ يېزىقنى 5- ئەسىردىن كېيىن ئىشلەتكەن يېزىق بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا.tQyئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
بۇ يېزىق تۆت سوزۇق تاۋۇش ھەرپى، 36 ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئوڭدىن سولغا قاراپ يېزىلىدۇ. بۇ يېزىقتا يارىتىلغان مەدەنىي يادىكارلىقلار ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى، سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئەھۋالىنى، تىل- يېزىقى، ئەدەبىيات- سەنئىتى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتا غايەت زور قىممەتكە ئىگە.tQyئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
2. قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىtQyئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ <تۈرك- رونىك يېزىقى> نى خېلى ئۇزۇن بىر مەزگىل قوللاندى. مىلادى 840- يىللىرى، قارا بالاساغۇننى مەركەز قىلغان ئورخۇن ئۇيغۇر دۆلىتى سىياسىي توقۇنۇشلار، تەبىئىي ئاپەت ۋە ئىچكى نىزا- ماجرا تۈپەيلىدىن يىمىرىلىشكە يۈزلىنىپ، غەربتىكى ئۆز قېرىنداشلىرى يېنىغا كۆچكەندىن كېيىن، تۈرك- رونىك يېزىقىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش مەقسىدىدە ئۆز تىلىنى بىرقەدەر مۇكەممەل ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان، تىخىمۇ ئىلغارراق بولغان قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىغا راۋاجلاندۇردى ۋە ئۇنى 9- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ كەڭ تۈردە قوللىنىشقا باشلىدى. 10- ئەسىردىكى جۇڭگونىڭ مەشھۇر سەيياھى ۋاڭ يەندى: ”قارا قۇجۇدىكى ئۇيغۇر خانلىقىدا بالىلارنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن پادىشالىقتىن تەمىنلىنىدىغان مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلار بار ئىدى. ئۇيغۇرلار شېئىر- قوشاق يېزىشقا ناھايىتى ھەۋەسمەن كېلىدىكەن. ئۆز يېزىقلىرىنى ئەدەبىي ئەسەر يېزىشقا ئىشلەتكەندەك، كۈندىلىك ھاجەتلىرىگە ئىشلىتىدىكەن. راھىپلارنىڭ قولىدا ئۇيغۇرچە يېزىلغان كىتاپلار بەك كۆپ ئىكەن“ دەپ يازغان.tQyئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
بۇ يېزىق شۇ چاغدا شىنجاڭدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قوللىنىلىپلا قالماستىن، بەلكى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى قېرىنداش تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدىمۇ ئومۇمىيۈزلۈك قوللىنىلغان. ھەتتا كېيىنكى دەۋرلەردە، مانجۇلار، موڭغۇللار، شىۋەلەرمۇ مۇشۇ يېزىق ئاساسىدا ئۆزلىرىنىڭ ھازىرغىچە ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان يېزىقلىرىنى يارىتىۋالغان. ئەخمەت زەكى ۋەلىد توغان ئۆزىنىڭ <تۈرك- تاتار تارىخىي> دىگەن ئەسىرىدە ۋە نەجىپ ئاسىم ئۆزىنىڭ <تۈرك تارىخىي> دىگەن ئەسىرىدە، ئوخشاش مەزمۇندا: ”بۇ يېزىق ئۇيغۇرلاردىن باشقا تۈركىي قەبىلىلەر ئارىسىدىمۇ ئومۇملاشقان. ئىسلامىيەت يېيىلىپ تاكى ھىجىرىيە 9- ئەسىرگىچە ئىشلىتىلىپ كېلىنگەن، ھەتتا تۆمۈرىلەر دەۋرىدە ئۇيغۇرچىغا تەخلىدەن دىۋان خېتى (ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ خەت- چېكى) دەپ ئاتالغان بىر خىل يېڭى يېزىقمۇ ئىشلىتىلگەن. ئۇيغۇر يېزىقى تۆمۈرىلەر دەۋرىدىن خېلى كېيىنمۇ قوللىنىلغان“ دەپ يېزىشقان.tQyئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
ۋامبىرى تەرىپىدىن ئىستامبۇلدىن ئېلىپ كېتىلگەن <قۇتادغۇبىلىگ> نىڭ نۇسخىسى بىلەن ۋىنا كۈتۈپخانىسىدىكى يەنە بىر نەزمى ئەسەرنىڭمۇ ئەينەن ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن كۆچۈرۈپ يېزىلغانلىقى بۇنىڭ روشەن دەلىلىدۇر.tQyئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
ئۆزبېكىستان تۈركشۇناسلىرى ف. كامال <ھازىرقى زامان ئۆزبېك تىلىغا مۇقەددىمە> دىگەن ماقالىسىدا: ”كونا ئۆزبېك ئەدەبىي تىلىغا ئائىت يازما يادىكارلىقلار ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىدا ۋۇجۇتقا كەلگەن. ئەمما بۇنىڭغا قارىماستىن، ئۇيغۇر يېزىقىدا ئىش يۈرگۈزۈش 18- ئەسىرگىچە داۋام قىلغان. بەزىبىر تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئايرىم يازما يادىكارلىقلار 15- ئەسىردە ئۇيغۇر ئېلىپبەسىدە يېزىلغان. مەسىلەن، <بەختىيارنامە> (1432- يىل)، <تەزكىرەئى ئەۋلىيا> (1436- يىل)، <مىراج نامە> (1439- يىل) ۋە باشقا يادىكارلىقلار ھىرات شەھرىدە ئۇيغۇر ئېلىپبەسىدە كۆچۈرۈپ يېزىلغان ئىدى“ دەپ يازىدۇ. بۇ ئەھۋال بۇ يېزىقنىڭ كېيىنكى دەۋرلەردە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداش خەلقلەر ئارىسىدا، ئەرەپ يېزىقى ۋە ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن <چاغاتاي> يېزىقى بىلەن پاراللىل ھالدا 900 يىلغا يېقىن گۈللىنىپ كېلىنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.tQyئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى سوغدى يېزىقى ئاساسىدا ئىجات قىلىنغان ئېلىپبەلىك يېزىق بولۇپ، <ئىدىقۇت تېكىستلىرى> ۋە <ئىدىقۇت خەت- چەكلىرى> دە 18 ھەرپ ئىشلىتىلگەن. بۇ سولدىن ئوڭغا، يۇقۇرىدىن تۆۋەنگە يېزىلىدىغان يېزىق بولۇپ، ھەر بىر سۆز بېشىدا، سۆز ئوتتۇرىسىدا ۋە سۆز ئاخىرىدا يېزىلىدىغان شەكىللەرگە ئىگە. بۇلاردىن 5 ھەرپ 8 سوزۇق تاۋۇشنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ.tQyئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى شۇ دەۋر ئۇيغۇر تىلىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىگە بىر قەدەر ئويغۇنلاشقان يېزىق بولۇپ، تىلنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرىش جەھەتتە تۈرك- رونىك يېزىقىغا قارىغاندا ئۈنۈملۈكرەك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلاردىن باشقا قېرىنداش تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدىمۇ كەڭ قوللىنىلغاندىن تاشقىرى، مىللىي ئەدەبىي تىلنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرگۈچى ئاكتىپ ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. نەتىجىدە، بۇ يېزىقنى قوللانغان ھەممە تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق ئەدەبىي تىلىنىڭ تەرەققىياتىنى بىر يېڭى باسقۇچقا كۆتۈردى. ئۇيغۇرلار بۇ ئىجادىي يېزىقنى قوللانغاندىن كېيىن، تۈرلۈك ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى ۋە دىنىي، پەلسەپەۋىي، پەن- تېخنىكا، تىببىي ساھەدىكى ئەسەرلەر، شۇنداقلا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە يازما ئەدەبىياتنى ئاساس قىلىپ شەكىللەنگەن بەدىئىي ئەدەبىياتى ناھايىتى تېز سۈرئەتتە راۋاجلاندى. نەتىجىدە ئەدەبىي تىل تەرەققىياتى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئۇيغۇر خەلقى بۇ يېزىق ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئالاقىلىشىش ئېھتىياجىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپلا قالماي، بەلكى <ئالتۇن يارۇق>، چۈشتانى ئىلىك بىگ>، <شۇەنجاڭنىڭ تەرجىمەھالى> (<سامتىسو ئاچارىنىڭ تەرجىمەھالى>)، <ئىككى تېكىننىڭ ھىكايىسى>، <ئوغۇزنامە>، <ئىدىقۇت تېكىستلىرى> قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەرنى مۇشۇ يېزىق ئارقىلىق خاتىرىلەپ، كېيىنكى ئەۋلاتلارغا مىراس قالدۇردى. بۇ يېزىق ئارقىلىق يېزىلغان يادىكارلىقلارنىڭ پەقەت گېرمانىيەدە ساقلىنىۋاتقانلىرىنىڭ سانى 8000 پارچىدىن ئاشىدۇ. بۇ مىراسلار قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىنى، يېزىقىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۈگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە.tQyئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
ئومۇمەن ئالغاندا، قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى ئۇيغۇر خەلقى مەدەنىيىتىنىڭ پارلاق سەمەرىسى بولۇپ، ئۇ خەلقىمىز تارىخىنىڭ ئۆچمەس نامايەندىسى ھىساپلىنىدۇ.tQyئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
tQyئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
3. ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىtQyئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت قوللانغان يېزىقى بولۇپ، ھازىرمۇ ئىشلىتىلمەكتە. بۇ يېزىقنى ئۇيغۇرلار 10- ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئىسلام دىنىنىڭ تەسىر كۈچى بىلەن قوبۇل قىلغان. بۇ يېزىق قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى تەدرىجى ھالدا ئۆزىنىڭ ئورنىنى بۇ يېزىققا بوشىتىپ بەردى. ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى 10- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ پۈتۈن قاراخانىلار زىمىنىدە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىشقا باشلاپ، 15- ئەسىرلەرگە كەلگەندە، پۈتۈن شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەممە يېرىدە كەڭرى ئىشلىتىلگەن بىردىن- بىر يېزىق بولۇپ قالدى.tQyئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
ئەرەب يېزىقى بويىچە ئەينەن قوبۇل قىلىنغان بۇ يېزىق 12- ئەسىرگىچە ھىچقانداق ئۆزگەرتىلمەي قوللىنىلدى. 12- ئەسىردىن ئېتىبارەن بۇ يېزىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىلىشكە باشلاپ، ئۇنىڭدىكى ئەرەب يېزىقىغا خاس بولغان شەرتلىك بەلگىلەر ئېلىپ تاشلاندى ۋە قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىملا قائىدىسىگە ماسلاشتۇرۇلدى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن، ئەرەب تىلىدا بولمىغان <چ، پ، گ، ژ> قاتارلىق 4 ھەرپ پارىس يېزىقىدىن قوبۇل قىلىنىپ، ئۇيغۇر يېزىقى ئېلىپبەسىگە كىرگۈزۈلدى. 13- ئەسىردىن كېيىن <چاغاتاي يېزىقى> نامى بىلەن ئاتالغان ئۇيغۇر يېزىقى جەمئىي 32 ھەرپتىن تەشكىل تاپتى. ئەينى دەۋردىكى شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق يېزىقىغا ئايلانغان بۇ يېزىق ھەر بىر دەۋر ئېھتىياجىغا ئاساسەن تەرەققى قىلدۇرۇلۇپ، تاكى ھازىرغىچە ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە.tQyئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
ئۇيغۇرلار ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدا ئىجاد قىلغان بۇ ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقىنىغا مىڭ يىل بولدى. مۇشۇ جەرياندا بۇ يېزىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىياتى ۋە خۇسۇسىيەت ئالاھىدىلىكلىرىگە تەدرىجى ئۇيغۇنلاشتۇرۇلۇپ، تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش ئېھتىياجىدىن تولۇق چىقىپ كەلدى. ئاشۇ مىڭ يىل جەريانىدا خەلقىمىزنىڭ دۇنياغا مەشھۇر ئالىملىرى، ئەدىپلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەۋلادلارغا قالدۇرۇپ كەتكەن مول مەدەنىي يادىكارلىقلىرىنى ئەنە شۇ يېزىقتا يېزىپ قالدۇرغان. ئۇلۇغ ئالىم مەخمۇد قەشقەرىنىڭ <تۈركىي تىللار دىۋانى>، بۈيۈك مۇتەپەككۈر يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ <قۇتادغۇ بىلىگ> داستانى قاتارلىق كىشى ئەقلىنى تاڭ قالدۇرىدىغان نامايەندىلەر بۇنىڭ جانلىق پاكىتى بولۇپ، ئۇلار قالدۇرغان بۇ يادىكارلىقلار خەلقىمىزنىڭ پۈتكۈل تارىخىدىكى مەدەنىي مىراسلار خەزىنىسىدە ۋە دۇنيا خەلقلىرى مەدەنىيەت خەزىنىسىدە نۇر چېچىپ چاقناپ تۇرىدۇtQyئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
مەنبەسى :ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسىtQyئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
tQyئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
|