نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:باشبەت > مەدەنىيەت > تۆھپىكارلىرىمىز
ئۇيغۇرلاردىن چىققان داڭلىق ۋاراتار ئوسمان
ۋاقتى:2012-01-28 مەنبەسى: ئاپتۇرى :ساھىبە يوللىغۇچى:   ساقلىۋېلىش

ئوسمان ھەققىدە قىسقىچە تونۇشتۇرۇش .62Lئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
ئوسمان : ئۇيغۇر ، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ۋاراتارى ( 36 يېشىدا ۋاپات بولغان ) . 1958-يىلى شىنجاڭ كوماندىسىغا كىرگەن بولۇپ ، بىرىنچى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشقان . بوي ئېگىزلىكى 1.74 مېتىر ، ئېغىرلىقى 64 كىلوگىرام . 62Lئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
كەسپىي ئالاھىدىلىكى : ۋاراتار تېخنىكىسى ئەتراپلىق ، مۇكەممەل ، ھەرىكىتى ئىنچىكە . ئورۇن ئېلىش ، بۇلۇڭ توسۇشقا ماھىر ، توپ تېپىشى ئۆلچەملىك ، توپ بېرىشى نىشانلىق . 1958-يىلى شىنجاڭ كوماندىسى ئافغانىستان كوماندىسى بىلەن پۇتبول مۇسابىقىسى ئېلىپ بارغاندا ۋاراتاردا تۇرغان . 1960-يىلى مەملىكەتلىك 1-دەرىجىلىك تەنھەرىكەتچى بولۇپ باھالانغان .62Lئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
0556121015-0.jpg62Lئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

بۇ ماقالە ۋە سۈرەت << شىنجاڭ تەنتەربىيىسى تارىخىي ماتېرىياللىرى >> ژۇرنىلىنىڭ 1989-يىللىق 1-،2-قوشما سانىغا بېسىلغان، ئاپتورى: مەخمۇت يۈسۈپ62Lئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
 62Lئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

مەن ئۆز ئادىتىم بويىچە كەچلىك تاماقتىن كېيىن ، ئاستا قەدەم تاشلاپ نەنلياڭ رايونىغا قاراپ كېتىۋاتاتتىم . دەل خەلق تىياتىرخانىسىنىڭ ئالدىغا كەلگىنىمدە ، تىياتىرخانا ئالدىدىكى كىچىك مەيداندا بىر تۈركۈم كىچىك پۇتبول ھەۋەسكارلىرىنىڭ ھەدەپ بېرىلىپ پۇتبول ئويناۋاتقانلىقىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى . تۇيۇقسىزلا ئۇلار ۋاراتارلىق توغرىسىدا سۆزلىشىپ قالدى . مەنمۇ تۇرۇپ قالدىم . 62Lئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
_ مەن ئوسمان ۋاراتار . 62Lئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
_ ياق ، سەن بولالمايسەن ، سېنىڭ كۆزۈڭ كۆك ئەمەس . 62Lئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
_ ياق ، سەن پاكار . 62Lئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
_ ياق ، سېنىڭ رەڭگىڭ قارا . 62Lئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
_ ... ... ... ... 62Lئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
راستىنى ئېيتقاندا بۇ زاماندىشىم ، كەسىپدىشىم ۋە قوشنام يادىم كۆتۈرۈلۈپ قېلىشقا ئازلا قاپتىكەن . شۇڭا بالىلارنىڭ بۇنداق سۆھبەتلىشىشىنى ئاڭلاپ ۋىللىدە قىزاردىم - دە ، ئارقىدىنلا كۆيدۈرۈلگەندەك يۇڭدەك پىژژىدە قورۇلۇپ كەتتىم . شۇڭا سەيلەمنى تاشلاپ ئۆيگە كەتتىم . 62Lئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
قەلەمنى ئېلىپ ئەسلەپ قالدىم . ئوسمان 1940-يىلى تۇرپان ناھىيىسىدە تۇغۇلۇپ ، ئۈرۈمچىدە چوڭ بولغان ، ئۈرۈمچى 1-باشلانغۇچ مەكتەپتە ۋە 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە خەنزۇچە ئوقۇغان . ئۇ پۇتبول تېپىشنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن كوچا كوماندىسىدا ئاساس ياراتقان ، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ئىدى . 62Lئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
1953-يىلى ياز پەسلى . ئۈرۈمچى خەلق مەيدانىدا ھەر يەكشەنبە ئەتىگەندىن تاكى قاراڭغۇ چۈشكىچە پۇتبول مۇسابىقىسى داۋام قىلاتتى . مانا مۇشۇنداق كۈنلەردە بېشىغا فۇژاركا كىيگەن ، ئۇچىسىغا سۈر رەڭ يۇڭ رەختتىن گىمناستيوركا كىيىپ ، بېلىنى تاسما بىلەن باغلىغان ، ئاق سېرىق ، كۆك كۆزلۈك بىر ئۆسمۈر بالا ۋاراتارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ، ۋاراتارنىڭ ھەرىكىتىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتەتتى . 62Lئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
بىر مەزگىل قايتا - قايتا تەكرارلانغان بۇ ھالەت ، يېڭى بازار كوچا پۇتبول كوماندىسىنىڭ كاپىتانى ئابلا خوتەك باشلىق بىر نەچچەيلەننىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ - دە ، پاراڭلىشىش ، سىردىشىش ئارقىلىق ئوسماننى ئۆزىنىڭ تەلىپى بويىچە مەزكۇر كوماندىغا قوبۇل قىلىدۇ ( شۇ ۋاقىتتا بىرەر كوچا كوماندىسىغا كىرىشمۇ خېلىلا تەس ئىدى . كوماندىنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئىنتىزامى ، تۇرمۇش تەرتىپى بولاتتى ) . 62Lئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
ئوسمان شۇ ۋاقىتتىكى پېشقەدەم ۋاراتار چېن جىڭشياڭ ( شۇ ۋاقىتتىكى بانكا كوماندىسىنىڭ ۋاراتارى ) ، گو يۇڭفۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىش ھەم ئۇلارنىڭ ھەرىكەت كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە تېزلا كۆزگە كۆرۈنگەن ۋاراتار بولۇپ يېتىشتى . شۇڭا ، 1956-يىلى يازدا چىڭداۋدا ئۆتكۈزۈلگەن 1-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشتى . نەتىجىدە قېرىنداش ئۆلكە ، شەھەر كوماندىلىرى ۋە چىڭداۋ تاماشىبىنلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىدۇ . چىڭداۋدىن قايتىپ كېلىپ كۈچكە كۈچ ئۇلاپ ، مەغرۇرلىنىشتىن ساقلىنىپ ، تىرىشىپ مەشق قىلىپ ، كەسپىي سەۋىيىسىنى يەنە بىر بالداق ئۆستۈرۈپ ، 1957-يىلى چاڭچۈندە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ياش - ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ ، 11 كوماندا ئىچىدە 3-بولىدۇ ، بۇنىڭدا ئوسمان ئالاھىدە تۆھپە يارىتىدۇ . 62Lئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
1958-يىلى ئوسمان شىنجاڭ كوماندىسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ ، بىر مەزگىللىك مەشقتىن كېيىن ، نەزەرىيە ، ئەمەلىيەت جەھەتتە ۋاراتارنىڭ تېخنىكا ، تاكتىكىسى ۋە بەدەن سۈپىتىدە يېڭىچە ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ . بۇ ھال ئەينى ۋاقىتتىكى دۆلەت كوماندىسىنىڭ ۋاراتارلىرى شۈي فۇسىڭ ، جاڭ جىنشۇ ، ئاۋغۇست كوماندىسىنىڭ ۋاراتارى خۇاڭ جاۋۋىنبىلارنىڭ ئوسمانغا بولغان قىزىقىشىنى قوزغايدۇ . ئۇلار ئوسمان بىلەن دوست بولىدۇ . ھازىرغىچە ئىزدەك - سورىقىنى قىلىپ تۇرىدۇ . ئوسمان كوماندىغا كېلىپ بىر نەچچە يىل تىرىشىپ مەشق قىلىپ ، مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەردە ئۆز تالانتىنى نامايان قىلغانلىقى ئۈچۈن ، 1960-يىلى مەملىكەتلىك 1-دەرىجىلىك تەنھەرىكەتچى بولۇپ باھالىنىدۇ . 62Lئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
ئوسمان 1960-يىلىدىن 1965-يىلىغىچە تازا كامالەتكە يېتىپ ، راسا كارامەت كۆرسىتىۋاتقان ئالتۇن چاغلىرىدا ، << مەدەنىيەت ئىنقىلابى >> باشلىنىپ قالىدۇ ... ئىنقىلابتىن كېيىنمۇ ئوسمان يېشىنىڭ چوڭىيىپ قالغىنىغا قارىماي كوماندىنىڭ ئېھتىياجىغا بويسۇنۇپ ، داۋاملىق ۋاراتارلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ . 62Lئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
1974-يىلى پۇتبول ئىككىنچى كوماندىغا تېرىنېرلىققا يۆتكىلىپ ، تا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ۋاراتار تەربىيىلەش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ . 62Lئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
ئۇنىڭ تەربىيىسىنى كۆرگەن ۋاراتارلاردىن ئىلھام جۇڭگو ياشلار كوماندىسى تەركىبىدە يۇگوسلاۋىيە ، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە چىقىپ ، مەشق مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىدۇ . ھېكمەت مەملىكەت ئىچىدە ، بولۇپمۇ شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەردە تاماشىبىنلاردا ياخشى تەسىراتلارنى قالدۇرىدۇ . 62Lئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
ئوسماننىڭ كەسپىي جەھەتتە ۋاراتار تېخنىكىسى ئەتراپلىق بولۇپ ، ھەرىكىتى پىششىق ، ئۆلچەملىك ئىدى . ئورۇن ئېلىشى ياخشى ، بۇلۇڭ توسۇشقا ماھىر ، مۇسابىقىدە تەمكىن ، سالماق ئىدى . 62Lئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
ئوسمان ئاق يۈزلۈك ، قارا قاشلىق ، كۆك كۆزلۈك ، بوي ئېگىزلىكى 1.73 مېتىر بولۇپ ، بەدەن قۇرۇلمىسى گويا قېلىپتا قۇيغاندەك ، ستانوكتا قىرغاندەك ئۈگىلىرى بىر - بىرىگە ماسلاشقان ، تەنھەرىكەتچىگە لايىق كېلىشكەن يىگىت ئىدى . 62Lئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
ئوسمان پۇتبولچىلا ئەمەس ، بەلكى تالانتلىق ئارتىس ئىدى ، ئۇ كوماندىمىز گۇرۇپپىسىدا ناخشىچى ھەم ئۇسسۇلچى ئىدى ، ماھىرلىق بىلەن رول ئالاتتى . 1963-يىلى باھار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تەنتەربىيە سىستېمىسى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت كېچىلىكىدە كوماندىمىز ئورۇنلىغان كومېدىيىدىكى ئايال رولىنى ئوسمان چاندۇرماي ، قانائەتلىنەرلىك ئورۇنداپ ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەنىدى . شۇ يىلنىڭ ئاخىرى كوماندىمىز گۇاڭدۇڭ مېيشەندە قىشلىق مەشق ئېلىپ بارىدۇ ، تەلەپكە بىنائەن يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن مېيشەن خەلقىگە شىنجاڭ سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىدۇ . بۇنىڭدىمۇ ئوسمان ، ئەخمەتجان ( كوماندىدىكى يەنە بىر ۋاراتار )لار ئورۇندىغان لەپەر ، نومۇرلىرى ئالاھىدە ئالقىشقا ئېرىشىدۇ . 62Lئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
ئوسمان ھاياتنى قىزغىن سۆيەتتى . 62Lئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
ئوسمان ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۆيەتتى . 62Lئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
ئەپسۇس ! ئۇ قۇياش نۇرىدىن پەقەت 36 يىل بەھرىمەن بولالىدى . ئۇ قىسقىغىنە ھاياتىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى پۇتبول ( ۋاراتارلىق ) كەسپىگە بېغىشلىدى .62Lئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
 62Lئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى


   تەۋسىيەلەر    
كۆپ كۆرۈلگىنى
  1. ئابدۇقادىر داموللام ۋە ئۇنىڭ مەرىپەتچىل
  2. كومپىيۇتېر مۇتەخەسسىسى –ھوشۇر ئىسلام
  3. ھۈسەنجان جامى
  4. مۇھەممەتجان راشىدىن
  5. ھېسامىدىن قۇربان
  6. ئابدۇقادىر جالالىدىن
  7. دوكتور ئابدۇرەئوپ
  8. لۇتپۇللا مۇتەللىپ
  9. بۈيۈك تەسەۋۋۇپ شائىر - ئەھمەت يەسىىۋى
  10. نۇرمۇھەممەت ئابدۇرېھىم
ئەڭ يېڭى مەزمۇن