
روسىيە فېدراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى ئىجتىمائىي ئالاقە مەركىزى 14-يانۋار بىلدۈرىشىچە، روسىيە فېدراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى جاسوسلۇققا قارشى تۇرۇش ئورگىنى جەنۇب ھەربىي رايوندىكى بىر ھەربىي ئەمەلدار ۋە ئۇنىڭ ئانىسىنى قولغا ئالغان، ئۇلارنى گرۇزىيەگە جاسوسلۇق قىلدى دەپ ئەيىبلىگەن.
باياناتتا:« روسىيە فېدراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى جەنۇب ھەربىي رايوننىڭ مەلۇم قىسىمىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارى ئەلىيېۋ داۋىد رۇسلونوۋىچ لېيتىنات بىلەن ئۇنىڭ ئانىسى ئالىيېۋا ئىلىننا ياكوفلېيفنانى قولغا ئالدى. ئەلىيېۋ گرۇزىيە ئالاھىدە خادىملار تارمىقىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ھەربىي رايوندىكى مەخپىي ئاخباراتلارنى يىغدى، ئانىسى ئوغلى يىغقان ئاخباراتلارنى گۇرۇزىيەگە يەتكۈزۈپ بەردى » دېيىلگەن.
مەنبە: روسىيە ئاخبارات تورى