نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:باشبەت > خەۋەرلەر > IT خەۋەرلىرى
iPhone بىلەن تۇنجى بولۇپ كىنو ئىشلىگەن ئادەم
google

432432.jpgASSئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

جەنۇبىي كورىيەنىڭ داڭلىق كىنوسى « ئەسلى جىنايەتچى » نىڭ رېژىسسورى چان ۋۇكپارك 150 مىليون كورىيە ۋونى سەرپ قىلىپ ئىشلىگە 30 مىنۇتلۇق قىسقا كىنو « ئاسمان پەلەك دولقۇن » دۇنيادا ئالما iPhone بىلەن تارتىلغان تۇنجى كىنو بولۇپ، كىنوخانىلاردا قويسا بولىدىكەن.ASSئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
چان ۋۇكپارك ۋە ئىنىسى بىرلىشىپ رېژىسسورلۇق قىلغان بۇ كىنو يېقىندا جەنۇبىي كورىيەدە قويۇلغان، 1-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈن جەنۇبىي كورىيەنىڭ 10 كىنوخانىسىدا 4 كۈن قويىلىدىكەن. چان ۋۇكپارك خەلقئارا كىنو سەھنىسىدە داڭلىق بولۇپ، فرانسىيە كانېس كىنو كۆرىكىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.ASSئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
بۇ كىنونى ئىشلىگۈچى خادىملار 80 نەپەر بولۇپ، 10 كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ تارتقان، كىنو ۋەقەلىكىدە بىر بېلىقچى بىلەن ئايال ئەلچى ئوتتۇرىسىدىكى بىر قېتىملىق ئاجايىپ ئۇچرىشىش تەسۋىرلەنگەن. سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى ئىككى iPhone ئارقىلىق، ئوخشىمىغان نۇقتىدىن بىرلا ۋاقىتتا سۈرەتكە ئالغان، كېيىن كىرىشتۈرىدىغان ۋاقىتتا، باشقا خىزمەتچى خادىملار ئۆزىنىڭ iPhone بىلەن تارتقان كۆرۈنۈشلەرنى قوشقان.ASSئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
چان ۋۇكپارك سۈرەتكە ئېلىش خىزمىتىدە دېموكراتىيەنىڭ گەۋدىلىنىپ چىققانلىقىنى، چۈنكى ھەممە كىم iPhone ئىشلىتىپ سۈرەتكە ئالغانلىقىنى، كىشىلەر ئويلاپ باقمىغان قىزىقارلىق سۈرەتكە ئېلىش نۇقتىسىدىن ئىشلەپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن. ASSئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
مەنبە: ۋېنۋېيپاۋ تورىASSئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

google
ۋاقتى:2011-01-13 11:22:09 مەنبەسى: ئىزباسار تورى يوللىغۇچى: رىيىمجان ساقلىۋېلىش
دوستانە ئۇلىنىش    
520KINOmirxapnahxa.cnmaxinaتورداشخەۋەر تورىچولپانلار ئۇلىنىش