17-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن، شەندۇڭ ئۆلكىلىك ۋېيخەي شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى ۋە خەلق ساقچىلىرى ئىچكىرىگە ئالداپ كېتىلگەن شىنجاڭلىق ئۈچ بالىنى چىڭداۋدىن ئايروپىلان بىلەن ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كەلدى. بۇ ، 2012-يىلى كىرگەندىن بۇيان شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدە، ئالداپ كېتىلگەن شىنجاڭلىق بالىلارنى قۇتقۇزۇپ يۇرتىغا قايتۇرۇشى ئىكەن.
16-فېۋرال كەچتە، ۋېيخەي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ خۇەنسۇي تارماق ئىدارىسىنىڭ بىر ئىشخانىسىدا ئىككى ئوغۇل، بىر قىز بۇلۇڭدا پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى، ئۇلارنىڭ يېنىدا ساقچىلار ئەكىلىپ بەرگەن نان، گۆش ۋە ئىچىملىكلەر بار بولۇپ، بۇ بالىلارنىڭ چىرايدىن بىر خىل مەيۈسلۈك چىقىپ تۇراتتى. ئوغۇل بالىلار 11 ياش، قىز بالا 10 ياش بولۇپ، ئۇلار باشقىلار تەرىپىدىن ئىچكىرىگە ئالداپ كېلىنىپ، يانچۇقچىلىققا سېلىنغان. بۇ بالىلارنى ساقچىلار ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا بايقاپ، قۇتقۇزۇۋالغان.
خەلق ساقچىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇلار ئاقسۇ ۋىلايىتىدىن بولۇپ، بىر مەزگىل سىرتلاردا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن، ساقچىلار ئۇلارنى دوختۇرغا ئاپىرىپ سالامەتلىكىنى تەكشۈرتكەندە ھەممىسىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ئالامىتى بايقالغان.