لاكېرىس ئۆز مەيدانىدا بۈركۈت كوماندىسىنى يېڭىپ ئارقىمۇ-ئارقا ئىككى مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈردى. بۇنىڭدىن قارىغاندا كوماندىنىڭ ئەھۋالىدا ئانچە-مۇنچە ياخشىلىنىش بولغاندەك قىلاتتى. بۇ غەلبە بىلەن بىرگە توپ مەستانىلىرىنىڭ گىلبىرت ئارېناسقا بولغان ئىنتىزارلىقىمۇ ۋاقتىنچە سۇسلاپ قالدى. ئەمەلىيەتتە ئارېناسقا نىسبەتەن لوس ئانژېلىسنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ ناھايىتى سوغوق پوزىتسىيەدە بولماقتا. قارىماققا كوبىدىن باشقا ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمايۋاتقاندەك تۇراتتى.
گەرچە كوبى بىرايېنت ئاللىقاچان ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا گىلبىرت ئارېناسنىڭ لاكېرىسقا كېلىپ كوماندىغا ھەمدەمدە بولىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە پۈتۈن كوماندىدا پەقەت كوبىلا «گېنىرال»نىڭ كېلىشىنى خالايدۇ. باشقا كوماندا ئەزالىرى، ھەتتە كوماندىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەرمۇ ئۇزۇن مەزگىل توپ ئوينىمىغان ئارىناستىن ھېچقانداق ئۈمۈد كۈتمەيدۇ.
بۇ پەسىلدە لاكېرىسنىڭ توپ كونترول قىلغۇچى بېك ئورنى كۆپ قېتىم رەقىبلىرىنىڭ خالىغانچە دەپسەندە قىلىشىغا ئۇچراپ كەتتى. بۇ خىل ئەھۋالدا ئەركىن توپچى بولغان ئارېناسمۇ تەبىئىيلا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. لاكېرىسنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەرمۇ كوماندىنىڭ توپ كونترول قىلغۇچى بېك ئورنىدىكى ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى ئېنىق بىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار شۇ جاي ۋاقتى يەكشەنبە كۈنى ئارېناسقا بىر قېتىملىق سىناق مەشىقى پۇرسىتى بەردى. بىراق «لوس ئانژېلىس ۋاقىت گېزىتى»نىڭ ئاشكارلىشىچە، گەرچە كوماندىنىڭ باش دېرىكتورى مىچېل كۇپچېك نەق مەيدانغا بېرىپ ئۇنىڭ مەشىق ئەھۋالىنى كۆرگەن بولسىمۇ، بىراق شۇندىن كېيىن ئۇنىڭ پوزىتسىيىسىدىن لاكېرىسنىڭ ئارېناس بىلەن توختاملىشىش نىيىتىنىڭ تازا يوقلىقى بىلىنىپ تۇرۇپتۇ.
ئەمما باش تېرىنېر مايكېل بروۋېنمۇ ئوخشاش پوزىتسىيە بىلدۈردى، «مەن ئۇنىڭ مەشىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىدىم، ئۇنىڭ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپمۇ باقمىدىم، ھەتتا ئۇنىڭ مەشىقىنى كۆرگەن كىشىلەر بىلەنمۇ پاراڭلىشىپ باقمىدىم. شۇڭا مەن ئۇنىڭ كوماندىغا ياردەم ئېلىپ كېلەلەيدىغان كېلەلمەيدىغانلىقىنى بىلمەيمەن.» ئۇ يەنە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئۇ راستىنلا بىزگە ياردەم ئېلىپ كېلەلىسە، ئۇنداقتا مەن ئۇنى قوبۇل قىلىشنى خوشاللىق بىلەن خالايمەن.»
بروۋىن ئىزچىل ھالدا ئۆزىنىڭ بىر توپ كونترول قىلغۇچى بېكنىڭ مۇسابىقىنى كونترول قىلىشىغا، ئۇنىڭ كوماندىنىڭ نومۇر ئالىدىغان تايانچىسى بولۇشىغا موھتاج ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئېھتىياجلىق بولغىنى بولسا بىر نەپەر كوماندىنىڭ ھۇجۇمىنى ئېلىپ ماڭالايدىغان، ۋەزىيەتنى چۈشىنىدىغان توپچى. ئېنىقكى، بۇ ئارېناسنىڭ ئالاھىدىلىكى ئەمەس. مۇشۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، بروۋىن ئارېناسقا تازا قىزىقمايۋاتىدۇ.
ئەمەلىيەتتە 30 ياشلىق ئارېناسنى كوماندىغا ئەكىرىشنىڭ ئۆزىلا لاكېرىسقا نىسبەتەن بىر مەيدان قىمار. بىرىنچىدىن، ئارېناس بۇ پەسىلىنىڭ ئالدىدىلا سېھرىگەر كوماندىسى تەرىپىدىن ئىشتىن بوشىتىلغاندىن تارتىپ، يۇقىرى سەۋىيە، يۇقىرى ئېغىرلىقتىكى رەسمىي مۇسابىقىلارغا قاتنىشىپ باقمىدى. ئىككىنچىدىن، بىر يىلنىڭ ئالدىدا سېھرىگەر كوماندىسىغا كەلگەندىن كېيىن، ئارېناسنىڭ ئىقتىدارى ۋە تەسىر كۈچى ئىزچىل تۆۋەنلەپ كەلدى. سېھرىگەر كوماندىسى ئۈچۈن چۈشكەن 49 مەيدان مۇسابىقىدە «گېنىرال» ئوتتۇرىچە ئاران 8 نومۇر ئالالىغان.
گەرچە لاكېرىسنىڭ تەكلىپىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىراق ئەمەلىيەتتە لاكېرىستا ھەقىقى ئارېناسنى قوللايدىغاندىن پەقەت كوبى بىر ئادەملا بار. كوماندىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى ۋە باشقا ئەزالىرى بولسا تا ھازىرغا كەلگىچە ھېچقانداق كوبى ۋە ئارېناسنى قوللايدىغان گەپ-سۆزلەرنى قىلىپ باققىنى يوق. ئارېناسنى سىناق مەشىقىگە قاتناشتۇرغاندىن تارتىپ لاكېرىس تەرەپتىن كېيىنكى قەدەمدە قانداق قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا بىرەر خەۋەرمۇ يوق. بۇ ئارېناسنىڭ لاكېرىسقا كىرىش ئىىشىغا چوڭ سۇئال بەلگىسىدىن بىرنى قويۇپ قويدى.
ئەلۋەتتە، بۈگۈن بۈركۈت كوماندىسىنى يەڭگەندىن كېيىن، لاكېرىسنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى بۇنى تېخىمۇ ئاسان رەت قىلالايدۇ. «بىزنىڭ سېپىمىز ناھايىتى ياخشى، كوماندا مۇسابىقىدە يېڭىۋاتىدۇ، بىزنىڭ تەڭشەش ئېلىپ بېرىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق.» دېگەندەك گەپلەر بەلكىم ئارېناسنى رەت قىلىدىغان باھانە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. نۆۋەتتە ئارېناس ناھايىتى ئوڭايسىز ئەھۋالدا قالدى. مەشىق ئىپادىسى لاكېرىس تېرىنېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىدى، كوبىدىن باشقا ھېچبىر كىشى ئۇنىڭ ئۈچۈن رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ ئالدىدا بىرەر ئېغىز ياخشى گەپ قىلىپ قويمىدى. ئەجەبا لوس ئانژېلىسقا كەلگەن ئارېناس شۇنداقلا بىر ئۆتكۈنچە مېھمان بولۇپ قالارمۇ؟