نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:باشبەت > خەۋەرلەر > ئۈنۋېرسال خەۋەرلەر
فرانسىيەگە كىشىلەر نېمىشقا شۇنچە ئىنتىلىدۇ؟
google

W020120202379453382919.jpgfmgئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

ئەنئەنىۋى قۇدرەتلىك ئىلىم-پەن دۆلىتى فرانسىيە ئالەمگە ئۇچۇش، ھەربىي سانائەت، داۋالاش ۋە دورىگەرلىك، خىمىيە، ئېنېرگىيە قاتارلىق نۇرغۇن تەتقىقات ساھەسىدە كارامەت ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن. كۆپ يىلدىن بېرى فرانسىيە بۇ جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىگە تايىنىپ نۇرغۇن ئىختىساسلىقنى فرانسىيىدە تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا جەلپ قىلىپ كەلگەن.fmgئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

ئەنئەنىۋى «كۆچمەنلەر قانۇنى»دا فرانسىيىدە بەش يىل تۇرغان، فرانسۇزچىنى پىششىق ئىگىلىگەن ھەم قانۇنلۇق خىزمىتى بار چەت ئەللىكلەر فرانسىيىدە ئۇزاق مۇددەت تۇرۇش گۇۋاھنامىسىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. ۋەھالەنكى، يۇقىرى پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى ئىختىساسلىقلارغا قارىتىلغان ئېتىبارلىق سىياسەتلەر تېخىمۇ كۆپ ئىكەن. فرانسىيە دۇنياۋى رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن 2006-يىلى 7-ئايدا چەت ئەللىك كۆچمەنلەرنىڭ فرانسىيىگە ئۆزلىشىشىگە دائىر يېڭى قانۇن ماقۇللاپ، «ئىختىساسلىقلار فرانسىيىدە تۇرۇش گۇۋھنامىسى» تەسىس قىلغان.fmgئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

ئۈچ يىللىق كۈچكە ئىگە «ئىختىساسلىقلار فرانسىيىدە تۇرۇش گۇۋاھنامىسى» ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولمىغان بارلىق دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىغا باب كېلىدۇ. ئۇنىڭ ۋاقتى توشقاندا يەنە ئۇزارتىشقا بولىدۇ. بۇ گۇۋاھنامىغا ئىگە بولغانلارنىڭ جۆرىسى ۋە پەرزەنتلىرى فرانسىيىدە ئولتۇراقلىشىش، ئوقۇش ياكى خىزمەت قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.fmgئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

2007-يىلى 8-ئايدا فرانسىيە «كۆچمەنلەر قانۇنى»غا يەنە تۈزىتىش كىرگۈزدى. يېڭى سىياسەتتە فرانسىيىگە كېلىپ ئوقۇيدىغان چەت ئەللىكلەرگە تېخىمۇ كۆپ قۇلايلىق يارىتىپ بېرىلگەچكە، ئۇلار ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن خىزمەتكە تېخىمۇ ئاسان ئورۇنلىشالايدىغان بولغان. بۇ سىياسەتكە ئاساسلانغاندا، ئوقۇشىنى ئالاھىدە ياخشى تاماملىغان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار ھەتتا فرانسىيە پۇقراسى سالاھىيىتىگە ئېرىشەلىشى مۇمكىن ئىكەن.fmgئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

يېڭى كۆچمەنلەر قانۇنىدا يەنە تېخى فرانسىيىگە كېلىپ ئوقۇيدىغان چەت ئەللىكلەرگە يەنە باشقا قۇلايلىقلىقلارمۇ يارىتىلىپ بېرىلگەن. مەسىلەن: چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن كەسپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك خىزمەت تېپىشىغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ فرانسىيىدە ئالتە ئاي ئۇزاق تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنغان.fmgئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
 fmgئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

google
ۋاقتى:2012-02-06 16:37:53 مەنبەسى: حەۋەر تورى يوللىغۇچى: ساھىبە ساقلىۋېلىش
دوستانە ئۇلىنىش    
520KINOmirxapnahxa.cnmaxinaتورداشخەۋەر تورىچولپانلار ئۇلىنىش