| بۇۋاقنىڭ قېشىدا تاماكا چەكمەڭ NJLئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى NJLئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
بۇۋاقلارنىڭ يىغلاش سەۋەبلىرى ناھايىتى كۆپ ، مەسىلەن ، بۇۋاق ئادەتتە ئىسسىق ، سوغۇققا يولۇققاندا ، بىرەر يېرى ئاغرىسا ، قۇرىسقى ئاچقاندا ، زاكىسى ھۆل بولغاندا يىغلايدۇ ۋە باشقىلار . يېقىندا گېرمانىيىلىك بىر نەپەر تىببىي دوكتۇر بالىلارنىڭ يىغلىشىنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بارغان . ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ___ بۇۋاقلارنىڭ يىغلىشى ئاتا - ئانىسىنىڭ تاماكا چېكىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن . ئۇ تۇغۇلغىنىغا ئۈچ ئاي بولغان 253 نەپەر بوۋاق ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ برىپ ، ئۇلارنىڭ يېرىمىنىڭ ئانىسىنى ئېمىپ بولغاندىن كېيىن يىغلايدىغانلىقىنى بايقىغان . تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئاتا - ئانىسىنىڭ ھەر ئىككىسى ياكى بىرسى تاماكا چېكىدىغانلار 70 پىرسەنتىنى ، دادىسى كۈنىگە 10 تالدىن تۆۋەن تاماكا چەككەندە بوۋىقى يىغلايدىغانلار 45 پىرسەنىتنى ؛ ئەگەر بىر ئائىلىدە ھەركۈنى 20 تالدىن ئارتۇق تاماكا چېكىلسە ، ئۇ ھالدا 91 پىرسەنىت بوۋاقنىڭ يىغلايدىغانلىقى بايقالغان . ئەلۋەتتە ئانا بولغۇچى تاماكا چەكسە ، ئوخشاشلا ئۇنىڭ بۇۋىقىمۇ بالا - قازاغا ئۇچرايدۇ . NJLئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى نېمە ئۈچۈن ئاتا - ئانىلار تاماكا چەكسە بوۋاقلار يىغلايدۇ ؟ ___ چۈنكى بۇۋاقلارنىڭ نېرۋا سېستىمىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى دېگەندەك ساغلام بولمايدۇ ، توقۇلما ئەزالىرى يۇمران بولىدۇ ، شۇڭا تاماكا ئىسى ياكى تاماكا قالدۇقىنىڭ پۇرىقى بوۋاقنىڭ تېنىگە شۈمىرىلگەندىن كېيىن ، پۇراش سېزىمى ۋە تەم سەزگۈسى ئارقىلىق ئۇنىڭ ئاداشقان نېرۋىسىغا تەسىر قىلىدۇ . ئاداشقان نېرۋا ئاشقازان ، ئۈچەي ھەركىتىنى بىۋاستە باشقۇرىدۇ . بوۋاقنىڭ ئاداشقان نېرۋىسى غىدىقلانغاندا رېفلىكىسلىق ھالدا ئۇنىڭ ئاشقازان ، ئۈچىيى لۆمۈلدەيدۇ ياكى قالايمىقانلىشىدۇ ، ئېغىر بولغانلاردا تارتىشىش تۈپەيلىدىن قورساق ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بوۋاق يىغلاۋاتقاندا ئۇنىڭ قورىسقىدىكى ئۆزگۈرۈشنى ، يەنى ، قولاقنى قورساققا ياققاندا ئاڭلىنىدىغان " دۈپ - دۈپ - دۈپ " قىلغان ئاۋازنى قورساق دىۋارىدىكى جىددىيلىكنى ، تۇرۇپ كۆتۈرۈلۈپ ، تۇرۇپ پەسىيۋاتقان ھالەتنى كۆزەتكىلى بولىدۇ . ئەگەر بوۋاق بىر دەم يىغلاپ ، بىر دەم توختىسا ھەمدە يىغلاش ئارلىقىدا يۇقىرىقى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمىسە ، بۇ ، ئۇنىڭ قورىسقىنىڭ ئاغرىشى تۈپەيلىدىن يىغلىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ . قىسقىسى ، ئاتا - ئانىلار بوۋاق بار ئۆيدە تاماكا چەكسە يۇقىرىقىدەك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپلا قالماي ، بەلكى بوۋاقنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ . NJLئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى كەلگۈسى ئەۋلاتلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ، ياش ئاتا - ئانىلار تاماكا چەكمەسلىكى ، تاماكا چېكىشكە ئادەتلىنىپ قالغانلار تاماكىنى ئاڭلىق يوسۇندا تاشلىشى لازىم . NJLئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
|