نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:باشبەت > تەرمىلەر > ئەدەبىيات گۈلزارى > ئەسەرلەر

ئايرىلىش
ۋاقتى:2011-01-20 مەنبەسى: ئاپتۇرى :ئابدۇخالىق ياقۇپ يوللىغۇچى: EKIN   ساقلىۋېلىش

 Eweئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

 دەرسخانىدا جىمجىت ئولتۇرۇپ ئايرىلىشنى خىيال قىلدىم، ئەمما مەن كىمدىن ئايرىلىمەن، كۈزنىڭ شىۋىرغانلىرىغا چىدىماي، كۈتۈپخانىنىڭ ئىشىكىدە كۈتسەم، نەپسىڭنىڭ كەينىگە كىرىپ مېنى داغدا قويغان سەندىنمۇ؟ ئۆگىنەيلى دېسەم بېشىنى قاشلىغان، مەن كەلگۈسى ئارمانلىرىم ئۈستىدە جىمجىت خىيالغا چۆكسەم، سۆلەت، ئابروي ئۈچۈن كىيىمنىڭ غېمىدە بازارنىڭ ئاۋات رەستىسىنى باغاشلىغان، ساختا ۋەدىنى غېرىپ يۈرەككە لىقلاپ، ھەممە ئىشقا ۋەدە بېرىپ قويۇپ، يەنىلا ئۆزىنىڭ سەنىمىگە دەسسىگەن بىر قىزدىنمۇ؟ ياق! مەن سەندىن ئەمەس، ماڭا ئەسلا تەئەللۇق بولمىغان بۈگۈنۈمدىن ئايرىلماقچى. سەن ئەمدى مېنى سېھىرلىيەلمەيسەن. سەن كوچا ئارىلىساڭ زىبۇ-زىننەت، كىيىم - كېچەك بىلەن تېشىڭنى بېزەيسەن. ئەمما، مەن ساڭا ئوخشىمايمەن، مەن بازار ئارىلىسام ئاۋات رەستىلەرنى ئەمەس، پىنھان جايدا مۇڭغا چۆككەن كىتابخانىلارنى تاۋاپ قىلىمەن، تۇرمۇش قايناملىرىدىكى ھەرخىل قىياپەتلەر ئارقىلىق ئۆزۈمگە ئېزگۈلۈك، مۇكەممەللىك ، روھىي ئوزۇق ، سائادەت ئىزدەيمەن.
   ساڭا قىلغان ئەقىدىلىرىم ئانچىكى مەئىشەتلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان يەردە، ئەمدى مەن يەنە نېمىنى كۈتەتتىم. مەن ئۇلۇغلاردىن سۆز ئاچسام، سەن قايسى بىر كىيىمنى كىيگۈڭ كەلگەنلىكىنى، قايسى كوچىدا قانداق رېستوران، قانداق مەززىلىك تائاملارنىڭ بارلىقى ھەققىدە سۆز ئاچىسەن. ئىشىنەمسەن؟ مېنىڭ ئۇنداق پۈچەك رەڭدارلىقتىن ئازراقمۇ تامايىم يوق.

   مۇشۇ كەمگىچە قانچە قېتىم ‹‹ئايرىلايلى››دېگىنىڭ ئېسىڭدىمۇ؟ ئون قېتىم دېگەنسەنمۇ، ياق! ماڭا تۈمەن مىڭ رەت دېگەندەكلا ئاڭلىنىدۇ. ئەمدى مەن دەيمەن، پەقەت بىر قېتىملا دەيمەن، دېگەن تەقدىردىمۇ ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلىپ، ‹‹خۇشخۇي تەبەسسۇملىرىڭغا كۆندۈم، شەرتلىرىڭگە كۆندۈم، ئۆزۈم خالىماس ئىشلارنى قىلدىم، ئەمدى سەندىن ئايرىلىپ كېتىمەن، مەن غايىسى يوق، ئىرادىسىز، تۇرمۇش يولىدا ئاشىقىغا ئازراقمۇ ئىلھام تەسەددۇق قىلالمىغان بىر قىزدىن ئايرىلغىنىمغا ھەرگىز ئۆكۈنمەيمەن›› دەيمەن. شۇڭا ئەمدى مەندىن ئاغرىنما، مەن سەندىن ئايرىلىپ كېتىمەن...Eweئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى


ئىنكاس يوللاش جەمئىي    ئىنكاس بار
ئىسمىڭىز:
پارولىڭىز:
تەستىق كودى:
مىھمان
 
   تەۋسىيەلەر    
كۆپ كۆرۈلگىنى
  1. ئايرىلىش
  2. تۇرمۇش ھەققىدە
  3. نازۇك تۇيغۇلار
  4. يـۈرىـكـىـم يـىغـلايـد ۇ (ئۇيغۇرىيە )
  5. سۆيگۈ قىسمىتى {كالۋاقىز}
  6. ئايالىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە قىسقا ئ
  7. تەقدىرداش ئاچا-سىڭىل
  8. ئىپپىتى يوق قىزنى ئالامسىز ! ( ئارمان - تا
  9. ئۇيغۇرلارنىڭ تاختا گۇگۇت ياساش ھۈنەر سەن
  10. «بىزنىڭ خۇتۇن» دىن تۇغۇلغان ئويلار
ئەڭ يېڭى مەزمۇن