xezئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
كىشىلك ھايات توغرىسىدا
كىشىلىك ھاياتنىڭ تۇنجى قەدىمى ئىنتايىن مۇھىم، ئەگەر تۇنجى قەدىمىڭ خاتا بېسىلسا كىيىنكى قەدەملىرىڭمۇ خاتا بولىدۇ. ـــ نەن خۈەيجىن
ھاياتلىق ئىككى قىسىمنى ئۆزئىچىگە ئالغان: ئۆتمۈش بىرچۈش، كەلگۈسى بىر ئۈمد.ـــ جوۋ گوپىڭ
ئومۇمىيلىقتىن ئىنسانىيەتچى چۈشەنمەك، كونكىرتنىلىقتىن بىر ئادەمنى چۈشەنمەكتىن ئاسانراق. (فىرانسىيە) لارۇشفوك
ئەھمىيەتسىز ياشاش، ئەجەلسىز ئۆلۈش بىلەن باراۋەر. ـــ (فىرانسىيە) رومىن.روللان
ھاياتلىقنىڭ گۈزەللىگى شۇيەردىكى، جىسمىڭ قەبرىگە مەھكۇم بولغاندىمۇ، ياراتقان تۆھپىللىرىنىڭ يەنىلا كىشىلەر قەلبىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالاۋاتقانلىغىدا. ـــ (سوۋىت ئىتتىپاقى) ئوستروۋىسكى
ئۆلۈكلەرنى ئۆلۈكلەر دەپنە قىلسۇن، بىز ھايات ئىكەنمىز ياشىشىمىز، بەلكى تېخىمۇ بەختلىك ياشىشىمىز كېرەك.
ـــ (روسسىيە)لېۋ تولۇستوي
بىر ئادەمنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىنى ئۆزگەرتمەك خۇددى بىرئادەمنىڭ بۇرنىنى ئۆزگەرتىشكە ئوخشاشلا مۇشكۈل ئىكەن. چۈنكى، بىرى چىراينىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، يەنەبىرى خۇلۇقنىڭ مەكىزىگە.
ـــ (ئامېرىكا) ھېنرى.جامىس
ئادەم ئۈچۈن ئەڭ زۆرۈر شەرەپ مەڭگۈ مەغلۇپ بولماسلىقتا ئەمەس بەلكى، ئۆز-ئۆزىنى يېڭىلاپ تۇرۇشتا.
ـــ (ئەنگېلىيە) گېلسىم
كىشىلىك ھايات تولىمۇ قىسقا، ئەمما ئۇ پەسكەشلىك بىلەن ئۆتكىزىلىدىكەن ناھايىتى ئۇزۇراپ كىتىدۇ
ــ (ئەنگېلىيە) شېكىسپىر
ئەگەر سەن يوقسۇللۇغۇڭدىن ئەيىپلىمەك بولساڭ، تۇرمۇشىڭنى ئەمەس ئكزۈڭنى ئەيىپلە. ـــ (ئاۋىسترالىيە) رېئارېك
ئادەم ئۆزىنى جەمئىيەتكە ئاتا قىلغىنىدىلا رىئاللىقتىكى قىسقا ھەم خەۋپلىك بولغان كىشىلىك ھاياتنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى تېپىپ چىقالايدۇ. ـــ (ئامېرىكا) ئېينىشتىيىن
جاسارەت، ياشلارنىڭ ئەڭ گۈزەل بېزىكى. ـــ (گېرمانىيە)رېماك
پۇختا ۋە ئىھتىياتچانىق قىزلاردىكى ئەڭ ئالى پاراسەتتۇر. ـــ (ئەنگىلىيە)چارلوتتې.برونتى
يۈزىڭدىكى قورۇق ئەسلىدىكى كۈلكىلىرىڭنىڭ ئىزناسىدۇر.ـــ (ئامېركا) ماك.تۋايىن
(بېيجىڭ خۇايى نەشرىياتى نەشىرقىلغان1997-يىلى 5-ئاي تۇنجى نەشىرى«名人名言录» ناملىق كىتاپتىن تەرجىمە قىلىپ ئېلىندى) تەرجىمە قىلىپ تەيارلىغۇچى: ئۆزەم
|