mf9ئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
كۈز تىۋىشلىرى: زېمىن مۇسەللەسلەنگەندەك ئېسىلدى. كۆزۈمگە يىراقتىكى سەھرا خۇددى بىرتال قىزىل يوپۇرماقتەك كۆرۈندى. بۇ قىزىل يوپۇرماق خىيالىمدا ئۇچماقتا. شۇ تاپتا ئاسمانمۇ، زېمىنمۇ، باغلارمۇ، تاغلارمۇ قىزىرىپ كەتتى، خۇددى شەپەق يېيىلغاندەك. ياق، بۇ شەپەق ئەمەس، بەلكى كۈز قوينىدىكى سەھرا! شۇنداق، سەھرادىكى بۇلاقلارنىڭ، كۆللەرنىڭ، دەريالارنىڭ بويلىرىدىكى دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى تامامەن قىزارغان، باغلارمۇ، ئورمانلارمۇ قىزارغان. ئەتراپنى قىزارغان يوپۇرماقلار بىر ئالغان.
كۈز تىۋىشلىرى: دولقۇنلاۋاتقان دەريا بويىدا خىياللارغا ئەسىر بولدۇم. كۈز يوپۇرماقلىرى لەرزان شامالدا ئاستا تەۋرىگەندە جاھان تەۋرىدى. مەنمۇ خۇددى بىرتال قىزىل يوپۇرماققا ئايلىنىپ قالغاندەك بولدۇم. يىراقتىن قۇشلارنىڭ سايراشلىرىنى ئاڭلىدىم، قىزارغان يوپۇرماقلار قۇشلارنىڭ ئاۋازىنى سېھىرلەپ قويغاندەك، قۇشلارنىڭ ئاۋازى قىزىل يوپۇرماقلارغا ئايلىنىپ قالغاندەك تۇيۇلاتتى. شاخلار يەلپۈنگەندە قىزىل يوپۇرماقلار جانان قىزلاردەك پىچىرلاپ ئۇزۇنغا سوزۇلغان جىمجىتلىقنى بۇزاتتى. دەريادىكى مەيىن دولقۇنلارغا مىنگەشكەن قىزىل يوپۇرماقلار دولقۇنلاردا جىمىرلاپ تۇرغان قۇياش سىماسىنى سۆيۈپ، ھاياجانغا تولغان يۈرەكتەك بىر ئۆرلەپ، بىر پەسىيىپ ئاقاتتى.
كۆز ئالدىمدىكى بۇ مەنزىرە شۇ قەدەر گۈزەل ئىدى. بۇ گۈزەللىكنى مېنى ئۆزىگە بۇنچە جەلپ قىلىۋالار دەپ ئويلىمىغانىدىم. قىزىل يوپۇرماقلار خۇددى باھار چېچەكلىرىگە ئوخشاش قەلبىمگە باھار سېزىمى بېغىشلىغانىدى. ئېھتىمال، قىزىل يوپۇرماقلار شامالدا خۇددى چېچەك بەرگىلىرىدەك بىر – بىرلەپ تۆكۈلۈپ زېمىننى باغاشلار، تۇنجى قارنىڭ باغرىنى قىزارتىپ، ئاستا – ئاستا ئۇيقۇغا كېتەر، بۇمۇ ھەيران قالارلىق ئەمەس. چۈنكى ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن زېمىننى سۆيگەن، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۆزىنى زېمىنغا بەخش ئەتكەن – دە!
ئېھ، قىزىل يوپۇرماق! سەن تۇيغۇلىرىمدا مەڭگۈ شۇنداق قىزىل. كۈز شاماللىرى غۇرقىراپ سوقسىمۇ، قارلار ئۇچۇپ زېمىنغا ئاق تون ياپسىمۇ، دەرەخلەر دۇنياسىغا ھەۋەس بىلەن قاراپ سېنى ئىزدەيمەن. ئىشىنىمەنكى، سەن شۇچاغدىمۇ قىزارغان جىسمىڭ بىلەن خۇددى قۇياشنىڭ پارچىسىدەك كۆز ئالدىمنى نۇرلاندۇرىسەن. قەلبىمدە ۋەتەن سۆيگۈسىنى، زېمىن سۆيگۈسىنى ئۇلغايتىسەن!
|