ئوردىكام ئويۇنى
ۋاقتى:2010-07-14 مەنبەسى: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىئاپتۇرى :قۇدرەت ئابلىمىت يوللىغۇچى: sultan   ساقلىۋېلىش

ئوردىكام ئويۇنىP2yئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
قۇدرەت ئابلىمىتP2yئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

 P2yئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

ئوردىكام (ئوردا كۆچ) ئويۇنى-خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمىي ئويۇن تۈرلىرىنىڭ بىرى. بۇ ئويۇن دېھقانلا، ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەر ئىچىدە كەڭ ئومۇنلاشقان بولۇپ، ئۇ چاققانلىق، چەبدەسلىك ۋە چەللەش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇش رولىغا ئىگە.P2yئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
مەيدان: ئويۇن ئوينىغۇچىلار بىر يەرگە يىغىلغاندىن كېيىن، ئويۇنغا چۈشكۈچىلەرنىڭ سانىغا قاراپ، تۈز يەرگە دىيامېتىرى ئىككى مېتىر ئەتراپىدا بىر چەمبەر سىزىلىدۇ، ئويۇنغا چۈشكۈچىلەرنىڭ سانىغا قاراپ سىزىلىدىغان چەمبەرنىڭ رادىيوسىنى چوڭايتىشقا ياكى كىچىكلىتىشكە بولىدۇ. ئويۇنغا چۈشكۈچىلەرنىڭ ھەر بىرسى ئۈچۈن چەمبەر سىزىقى ئۈستىگە بىردىن ئورەك كولىنىدۇ، لېكىن ئادەم سانىدىن بىر ئورەك كەم كولىنىدۇ، چەمبەر مەركىزىدە توپ ھەيدەپ كىرگۈزىدىغان بىر دانە ئوردا ئورىكى بولىدۇ، بۇ ئوردا ئورىكى ئىگىسى بار ئورەكلەرگە قارىغاندا چوڭراق بولىدۇ.P2yئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
سايمان: ئويۇنغا چۈشكۈچىلەر ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىر ئەتراپىدىكى، توملۇقى كەتمەن سېپىدەك بولغان بىردىن چوماق كالتەك تۇتىدۇ. بۇ كالتەكلەرنىڭ چوماق قىسمى كولانغا ئورەكلەرگە بىمالال پاتقۇدەك بولىدۇ.P2yئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
توپ: بۇ ئويۇندا كالىنىڭ ئوشۇقى توپ قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ ياكى قاتتىق ياغاچتىن ئالمىدەك قىلىپ چىرايلىق توپ ياسىلىدۇ.P2yئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
ئادەم سانى: بۇ ئويۇنغا چۈشكۈچىلەرنىڭ سانى چەكلەنمەيدۇ. بىراق ئادەم سانى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، چەمبەر ئايلانما سىزىقى ئۈستىدە ئويۇنچىلار بەك زىچ ئورۇنلىشىپ قېلىپ، توپ ھەيدىگۈچىنىڭ ئوردا ئورىكىگە توپ كىرگۈزىشى قىيىن بولۇپ قالىدۇ-دە، ئويۇن تازا قىزىمايدۇ، شۇڭا ئويۇنچىلار بەك كۆپ بولۇپ قالغاندا، ئالمىشىپ ئوينىسا بولىدۇ.P2yئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
ئويۇن ئويناش تەرتىپى: ئويۇن باشلاشتىن بۇرۇن چەمبەر سىزىقى ئۈستىدىكى ئورەكلەرگە ئىگە بولۇش چېكى تاشلىنىدۇ. چەك ئارقىلىق ئورەكلەرگە ئىگە بولالماي قالغان كىشى چەمبەرنىڭ سىرتىدا «مالاي» بولۇپ، چوماق كالتىكى بىلەن چەمبەرنىڭ سىرتىدىن توپنى چەمبەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئوردا ئورىكىگە ھەيدەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا باشقا ئويۇنچىلار توپنى ئوردا ئورىكىگە كىرگۈزمەسلىك ئۈچۈن تىرىشىدۇ. توپ ھەيدىگۈچى توپنى ئورەككە كىرگۈزۈش ۋە باشقىلارنىڭ ئورىكىگە چوماق كالتىكىنى سېلىۋېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ. ئەگەر «مالاي» بولغۇچى توپنى ھەيدەپ ئەكىلىپ ئوردا ئورىكىگە كىرگۈزىۋالسا، ئۇ ھالدا چەمبەر سىزىقى ئۈستىدىكى ئورەك ئىگىلىرى بىر ئايلىنىپ ئورەك ئالمىشىدۇ. يەنى بىر ئورەك ئىككىنچىگە، 2- ئورەك ئۈچىنچىگە... يۆتكىلىدۇ. بۇ چاغدىمۇ توپ ھەيدىگۈچى باشقىلارنىڭ ئورىكىنى تالىشىدۇ، ئەگەر توپ ھەيدىگۈچى ئورەك ئالمىشىش جەريانىدا بىرەر ئورەككە ئورەك ئىگىسىدىن بۇرۇن چومىقىنى سېلىۋالسا، ئورەكسىز قالغان ئويۇنچى «مالاي» بولىدۇ. ئەگەر ئورەك ئالمىشىش داۋامىدا، ئىككى كىشىنىڭ چوماق كالتىكى بىر ئورەككە سېلىنىپ قالسا، ئۇ ھالدا قايسى ئويۇنچىنىڭ چومىقى ئورەككە بالدۇر چۈشكەن بولسا، ئۇ ئورەك شۇ ئويۇنچىنىڭ بولىدۇ. «مالاي» توپنى ئوردا ئورىكىگە ھەيدەپ ئەكەلگەندە باشقىلار توپنى چەمبەر سىرتىغا، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يىراققا ئۇرۇۋەتسە بولىۋېرىدۇ. توپ قانچە يىراققا كەتكەن بولسىمۇ «مالاي» چوماق كالتىكى بىلەن شۇ جايدىن توپنى ھەيدەپ كېلىدۇ. دېمەك، ئويۇن مۇشۇ تەرىقىدە داۋاملىشىدۇ.P2yئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
بۇ ئويۇننى ئويناش جەريانىدا، ئويۇنچىلار چوماق كالتىكى بىلەن بىر-بىرىنىڭ پۇتىغا ۋە باشقا جايلىرىغا ئۇرۇشقا، توپنى قولى بىلەن تۇتۇشقا، پۇتى بىلەن ھەيدەشكە، قول بىلەن توپنى ئورەككە تاشلاشقا بولمايدۇ. بۇنداق ھەرىكەتلەر قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ.P2yئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
بۇ ئويۇننىڭ تارىخىغا كەلسەك: «قارا خانىلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» دېگەن كىتابنىڭ 120- بېتىدە: «تارىخى ھۆججەتلەردىن قارىغاندا، بۇنىڭدىن 1000 يىل ئىلگىرى ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەيدىغان خىلمۇ خىل سەنئەت ئويۇنلىرىنى ئىجاد قىلدى. قەدىمدىن تارتىپ داۋام قىلىپ كەلگەن ھەر خىل ئويۇنلار ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا قالدۇرغان قىممەتلىك مىراسىدۇر. قەدىمكى ئويۇنلاردىن ياش ۋە ئۆسمۈرلەر ئىچىدە ئومۇملاشقان ئۆتۈش ئويۇنى، ئوردىكام ئويۇنى، چەۋگەن ئويۇنى، كولاپ ئويۇنى قاتارلىقلارنى مىسال كەلتۈرۈش مۇمكىن» دەپ يېزىلغان.P2yئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
يۇقىرىدىكى تارىخىي يازمىلاردىن ئوردىكام ئويۇنىنى خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى ئويۇنى دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ ئويۇن يېقىنقى ۋاقىتلارغىچە ئوينىلىپ كېلىنگەن بولسىمۇ، ھازىر يوقاپ كېتىش، ئۇنتۇلۇش ھالىتىگە كېلىپ قېلىۋاتىدۇ. مانا مۇشۇ خىلدىكى ئويۇنلارنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ۋە ئويناشقا دەۋەت قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرساق، تېخىمۇ ئومۇملاشتۇرساق، ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تۈرلىرىگە تۆھپە قوشقان بولىمىز.P2yئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» 2010 . 21 – يانۋار.P2yئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى


   تەۋسىيەلەر    
كۆپ كۆرۈلگىنى
  1. چۈش تەبىرى
  2. مۇنداق قىزلارغا كۆز قىرىڭىزنىمۇ سېلىپ قو
  3. كوكاكولانى ئەركەكلەر ئىچمىسەك بولامدۇ ن
  4. بىر قىزنىڭ يىگىتكە يوللىغان 60 تال قىسقا ئ
  5. 12 ئاينىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى بىلىۋىلىڭ
  6. بىزدە شۇنداق قىز بارمۇ { ئىسىلشاھزادە }
  7. تار ئىشتانلىق قىزلارغا { ئىسىل شاھزادە }
  8. ئەر -ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلا
  9. قىزلار بىلمەيدىغان 11 تۈرلۈك ئىش
  10. ئاياللار نېمىشقا تالاغا قاراپ قالدۇ ؟
ئەڭ يېڭى مەزمۇن