نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:باشبەت > تەرمىلەر > تاغدىن — باغدىن > خاتىرەمدىن

شىنجاڭدىكى تۇنجى ۋە شىنجاڭدىكى ئەڭ .
ۋاقتى:2011-01-16 مەنبەسى: ئىزباسار تورىئاپتۇرى :رىيىمجان يوللىغۇچى:   ساقلىۋېلىش

50يىلدىن بۇيان ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا شىنجاڭدىكى نۇرغۇنلىغان «تۇنجى» ۋە «جۇڭگو بۇيىچە ئەڭ» لەر بارلىققا كەلدى.ygMئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

شىنجاڭدىكى تۇنجى ygMئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
1980-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يۇڭ توقۇلما بۇيۇملار چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى رەسمىي قۇرۇلدى. بۇ،مەملىكەت بويىچە توقۇمۇچىلىق ساھەسىدىكى تۇنجى كەسپىي شېرىكچىلىكتىكى كارخانا ھېساپلىنىدۇ.ygMئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

تۇنجى قار كۆچكىنىدىن ساقلىنىش كارىدورى ygMئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
1980-يىلى 9-ئايدا، مەملىكىتىمىزدىكى تۇنجى قار كۆچكۈنىدىن ساقلىنىش كارىدورى تەڭرىتاغ تاشيولىدىكى دېڭىز يۈزىدىن 3500نەچچە مېتىر ئىگىز مۇزتاغدا ياسالدى،ئۇنىڭ ئۇزۇنلىقى 258.5مېتىر،ئىگىزلىكى 8.3مېتىر كېلىدۇ. ygMئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك قۇملۇق ھاۋارايى پونكىتى ygMئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
1992-يىلى قۇرۇلغان،تەكلىماكان قۇملۇقىغا جايلاشقان جۇڭگو تەكلىماكان قۇملۇق ھاۋارايى پونكىتى مەملىكىتىمىزدىكى تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك قۇملۇق ھاۋارايى پونكىتى ھېساپلىنىدۇ، ygMئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
تۇنجى دۇنيا چېمپىيونى ygMئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
1994-يىلى،سانجىلىق لى ۋېنجيې ئىتالىيىنىڭ مىرەن شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 46-نۆۋەتلىك دۇنيا قارىغا ئېتىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ يېتىپ تۇرۇپ 60پاي ئوق ئېتىش تۈرىدە 700.5ھالقا نەتىجىگە ئېرىشىپ چېمپىيون بولۇپ، شىنجاڭ تەنھەركەتچىلىرى تارىخىدىكى تۇنجى دۇنيا چېمپىيونى بولدى. ygMئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
تۇنجى بوكس پادىشاھى ygMئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
قورغاسلىق ئابدۇشۈكۈر مىجىت 1996-يىللىق جۇڭگو بوكس پادىشاھلىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە جۇڭگو بوكس پادىشاھىنى يېڭىپ «جۇڭگو بوكس پادىشاھى»دېگەن نامغا ئېرىشىپ، شىنجاڭدىكى تۇنجى «جۇڭگو بوكس پادىشاھى»بولدى. ygMئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
تۇنجى ئىنچىكە قوي يۇڭى مەھسۇلات نامى ygMئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
1999-يىلى ئاپتونۇم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتى بىڭتۈەن يېزائىگىلىك ئىدارىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ،شىنجاڭ قوي يۇڭى كارخانىلىرى بويىچە تۇنجى كەسپىي تەشكىلات __ شىنجاڭ ئەلا سۈپەتلىك قوي يۇڭى ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنى قۇرۇپ، مەملىكىتىمىز بويىچە تۇنجى ئىنچىكە قوي يۇڭى مەھسۇلات ماركىسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. ygMئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
جۇڭخۇا پاختىسى ygMئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
2001-يىلى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى يېزائىگىلىك 7-دېۋىزىيىسىنىڭ «كىمخاب» ماركىلىق پاختىسى مەملىكەتلىك داڭلىق مەھسۇلات ناملىرى بويىچە «بىرىنچى»بولۇپ باھالاندى ھەمدە «جۇڭخۇا پاختىسى»دەپ تەرىپلەندى.ygMئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

شىنجاڭدىكى ئەڭygMئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
1. ئەڭ چوڭ شامال ئېنىرگىيىسى بازىسى ygMئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
شىنجاڭ __ جۇڭگو بۇيىچە شامال ئېنىرگىيىسى بايلىقى ئەڭ مول رايونلارنىڭ بىرى. داۋانچىڭ شامال كۈچى ئېلېكتىر ئىستانسىسى جۇڭگو بۇيىچە 200دانە شامال كۈچى گېنېراتورى ئورنىتىلغان ئەڭ چوڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسى. بۇ ئىستانسىنىڭ ئومۇمىي ئېلېكتىر ئېنىرگىيە مىقدارى 125مىڭ كىلوۋات بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ، ئۇ جۇڭگونىڭ شامال كۈچى ئېلېكتىر ئىشلىرىغا نىسبەتەن يېتەكچىلىك رول ئوينىماقتا. ygMئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
2. ئەڭ چوڭ «ئېنېرگىيە ئىسكىلاتى» ygMئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
شىنجاڭ __ مەملىكىتىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە ئىسكىلاتى. تارىم،جۇڭغارىيە ۋە تۇرپان-قۇمۇلدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئويمانلىقتا 20مىلىيارد 900مىلىيون توننا نېفىت بىلەن 1تىرلىيون كۇپ مېتىر تەبىئىي گاز بار،بۇ پۈتۈن مەملىكەت قۇرۇقلۇق نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئومۇمىي مىقدارىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، گېئولوگىيە مۇتەخەسىسلىرى شىنجاڭنى يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ چوڭ ئۆلكە،دەپ قارىماقتا؛ شىنجاڭنىڭ كۆمۈر بايلىقى پۈتۈن مەملىكەت كۆمۈر بايلىقىنىڭ 40پىرسەنتىنى ئىگىلىگەچكە، مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. شىنجاڭ خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى ئۇدا 15يىل پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. ygMئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
3. ئەڭ چوڭ «پاختا بازىسى» ygMئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش رايونى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ كېۋەز تېرىش كۆلىمى، يەككە مەھسۇلاتى ۋە ئومۇمىي مەھسۇلاتى ئۇدا 12يىل پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى، كۆلىمى بىلەن ئومۇمىي مەھسۇلاتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تۆتتىن بىر قىسمى ۋە ئۈچتىن بىر قىمىنى ئىگىلىدى. شىنجاڭ جۇڭگودىكى بىردىنبىر ئۇزۇن تالالىق پاختا ئىشلەپ چىقىرىدىغان رايون، شىنجاڭنىڭ ئۇزۇن تالالىق پاختىسى دۇنياغا داڭلىق مىسىر ئۇزۇن تالالىق پاختىسىدىن قېلىشمايدۇ. ygMئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
4. ئەڭ چوڭ «مېۋە-چېۋە بازىسى» ygMئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
شىنجاڭنىڭ ئۈزۈم كۆلىمى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. شىنجاڭ ئۈزۈمىنىڭ تەركىبىدىكى شىكەر مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو بويىچە ئەڭ ئىسسىق جاي تۇرپاندىن چىقىدىغان ئۇرۇقسىز ئاق كىشمىشنىڭ تەركىبىدىكى شېكەر مىقدارى 70 پىرسەنتكە يېتىدۇ، ئۇ جۇڭگو بويىچە ئەڭ تاتلىق ئۈزۈم ھېساپلىنىدۇ؛ ئاقسۇ،خوتەن،قاغىلىقتىن چىقىدىغان ياڭاقلار جۇڭگودىكى ئەڭ ئەلا سۈپەتلىك ياڭاقلاردۇر؛ كورلىنىڭ نەشپۈتى «نەشپۈت شاھى» دەپ تەرىپلىنىدۇ. ygMئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
5. ئەڭ چوڭ قاتناش تورى ygMئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
ئازاتلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە شىنجاڭدا 3361كېلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا تاشيول بار ئىدى، ھازىر تاشيول،تۆمۈريول قاتنىشى ئومۇمىي مۇساپىسى 80نەچچە مىڭ كېلومېتىرغا يېتىدۇ، بۇ مۇساپە يەر شارى ئېكۋاتورنى ئىككى قېتىم ئايلانغاندىكى مۇساپىگە باراۋەر، ئۇنىڭ ئىچىدە تۆمۈريولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 3000كېلومېتىر كېلىدۇ. شىنجاڭ يەنە جۇڭگودىكى خەلق ئاۋېئاتسىيە لېنىيىسى ئەڭ ئۇزۇن، ئايرودرومى ئەڭ كۆپ رايون. دېمەك،شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ قاتناش تورىنى شەكىللەندۈرگەن. ygMئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
6. ئەڭ ئۇزۇن قۇملۇق تاشيولى ygMئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
تەكلىماكان قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتۈدىغان قۇملۇق تاشيولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 522كېلومېتىر بولۇپ، نۆۋەتتە دۇنيادىكى مۇساپىسى ئەڭ ئۇزۇن، دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، قۇرۇلۇش ۋاقتى ئەڭ قىسقا، ياسىلىش تەننەرخى ئەڭ تۆۋەن، مۇداپىئەلىنىش مۇئەسسەسسەلىرىنىڭ يۈرۈشلىشىشى ئەڭ مۇكەممەل بولغان قۇملۇق تاشيولى، شۇنداقلا جۇڭگودىكى بىردىنبىر ئەڭ ئۇزۇن ئاسفالىتلاشتۇرۇلغان قۇملۇق تاشيولى ھېساپلىنىدۇ. ygMئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
7. قۇملۇقتىكى ئەڭ ئۇزۇن يېشىل بەلۋاغ ygMئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
بۇ يىل جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ سوزۇلغان يېشىل بەلۋاغ بىپايان تەكلىماكان قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتۈپ، قۇمنى تىزگىنلەشتە ئۈنۈملۈك رول ئوينىدى. دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن قۇملۇق تاشيولىنى بويلاپ بەرپا قىلىنغان بۇ ئىھاتە ئورمانلىق بەلۋىغىنىڭ ئۇزۇنلىقى 436كېلومېتىر، كەڭلىكى 72-78 مېتىر، كۆلىمى 3128گېكتار كېلىدۇ. ygMئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
8. ئە چوڭ «پەمىدۇر پىششىقلاش زاۋۇتى» ygMئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
شىنجاڭ __ جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ «پەمىدۇر پىششىقلاش زاۋۇتى». شىنجاڭدا ئىشلەپ چىقىرىلغان پەمىدۇر قىيامىنىڭ يېپىشقاقلىق نىسبىتى يۇقىرى، زەمبۇرۇغ مىقدارى تۆۋەن بولۇپ، مەملىكەت مىقياسىدا تەڭداشسىز؛ شىنجاڭنىڭ يىللىق پەمىدۇر پىششىقلاپ ئىشلەش مىقدارى 800مىڭ توننا بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت پەمىدۇر پىششىقلاپ ئىشلەش مىقدارىنىڭ 90پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇ ئاسىيا،ياۋروپا، ئامېرىكىدىكى 40نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا ئېكىسپورت قىلىنىدۇ، پەمىدۇر قىيامى شىنجاڭنىڭ تاشقى پېرېۋوت يارىتىدىغان بىرىنچى مەھسۇلاتى ھېساپلىنىدۇ. ygMئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
9. دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئىگىز تاشيول ygMئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
جۇڭگو بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئىگىز تاشيول شىنجاڭ-شىزاڭ تاشيولى بولۇپ، ئۇ قاغىلىق ناھيەسىدىن باشلىنىپ كۇئېنلۇن تېغى ۋە گاندىس تېغىنى كېسىپ ئۆتۈپ، شىزاڭنىڭ ئالى رايونىغا تۇتۇشىدۇ. مەزكۇر تاشيول ئومۇمىي لىنىيىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 5000مېتىردىن ئاشىدۇ، ئەڭ ئىگىز بۆلىكىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 6035مېتىرغا يېتىدۇ. بۇ،دۇنيا بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئىگىز تاشيول ھېساپلىنىدۇ. ygMئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
10. ئەڭ ئۇزۇن ئاۋېئاتسىيە لېنىيىسى ygMئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
ئۈرۈمچى-خوتەن ئاۋېئاتسىيە لېنىيىسى مەملىكەت بويىچە ئەڭ ئۇزۇن ئۆلكە-ئاپتونۇم رايون ئىچكى ئاۋېئاتسىيە لېنىيىسى بولۇپ، ئۇزۇنلىقى 1341كېلومېتىر كېلىدۇ. ygMئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
11. ئەڭ چوڭ رايون ئالاقە تورى ygMئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
ئاسىيا-ياۋروپا ئوپتىكىلىق كابېلىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكى جۇڭگو بويىچە ئەڭ چوڭ ئالاقە تورى ھېساپلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۇزۇلىقى 1740كېلومېتىر بولۇپ، قۇمۇلدىن غۇلجىغىچە بولغان توققۇز ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرگە قاراشلىق رايوندىكى سەككىز شەھەر، توققۇز ناھىيە، 82يېزا-بازار ۋە مەيداننى كېسىپ ئۆتىدۇ. بۇ لېنىيە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنى ئۇزۇن يوللۇق ئالاقە لېنىيىسى بىلەن تەمىنلەپ، شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ئالاقىسى راۋان بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە شىنجاڭنىڭ سىرىتقا ئېچىۋېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ygMئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
12. قۇرۇقلۇق چېگىرا لېنىيىسى ئەڭ ئۇزۇن رايون ygMئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
شىنجاڭ ھەربىي رايونى پۈتۈن ئارمىيە بويىچە قۇرۇقلۇق چېگىرا لېنىيىسى ئەڭ ئۇزۇن، چېگىرداش دۆلەتلەر ئەڭ كۆپ، باشقۇرۇش-كونتۇرۇل قىلىش ۋەزىپىسى ئەڭ ئېغىر ھەربىي رايون. شىنجاڭ ھەربىي رايونى موڭغۇلىيە،روسىيە،قازاقىستان قاتارلىق توققۇز دۆلەت بىلەن چېگىرلىنىدۇ، چېگىرا لېنىيىسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 5600كېلومېتىردىن ئاشىدۇ، بۇ،پۈتۈن مەملىكەت قۇرۇقلۇق چېگىرا لېنىيىسىنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ygMئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
13. غەرىبتىكى ئەڭ چوڭ سودا ئېغىزى ygMئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
ئالاتاۋ ئېغىزى شىنجاڭ،شۇنداقلا جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئەڭ چوڭ چېگىرا سودا ئېغىزى ھېساپلىنىدۇ.ygMئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى


ئىنكاس يوللاش جەمئىي    ئىنكاس بار
ئىسمىڭىز:
پارولىڭىز:
تەستىق كودى:
مىھمان
 
   تەۋسىيەلەر    
كۆپ كۆرۈلگىنى
  1. تاماكا چىكىدىغانلار دىققەت!
  2. ئەرلەرنىڭ ئۆيلىنىشتىن ئىلگىرىكى ۋە كېيى
  3. ئەڭ مۇرەككەپ مۇناسىۋەت
  4. شىنجاڭدىكى تۇنجى ۋە شىنجاڭدىكى ئەڭ .
  5. مەغلۇبىيەتكە ئۇچراشنىڭ 20 تۈرلۈك سەۋەبى
  6. قۇياشنىڭ يېقىندا ئىگىسى چىقىپ قالدى
  7. 10مىڭ تىللاغا ساتمايدىغان ھېكمەتلەر
  8. قىزىق يۇمۇر
  9. بەك تاتلىق ئۇماقلار
  10. قىز دوست تۇتۇشنىڭ ئالدى كەينىدە
ئەڭ يېڭى مەزمۇن