| يېڭى ئىچ كىيىملەرنى دەرھاللا كىيىشكە بولمايدۇ . YgXئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى YgXئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
يېڭى ئىچ كىيىملەرنى يۇماي كېيىش سالامەتلىككە پايدىسىز . چۈنكى كىيىم - كېچەكلەرنى تىكىش جەريانىدا چىرايلىق ھەم كۆركەم كۆرۈنۈشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا دائىم كۆپ خىل خىمىيۋى خۇرۇچ ئىشىلتىلىدۇ . مەسلەن ، كىيىمنىڭ قىسقىراپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كۆپىنچە فورمالدېگىد سىمولىسى ئىشىلتىلىدۇ ؛ كىيىملەرنى ئاقارتىشقا يالتىراق نۇرلۇق ئاقارتىش خۇرچى ئىشىلتىلسە ، قاتتىقراق ۋە تەكشى قىلىش ئۈچۈن ئادەتتە يىلىم ئىشىلتىلىدۇ . بۇ خىل خىمىيۋى ماددىلار ئادەم بەدىنىنى غىدىقلاش رولىنى ئوينايدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، كىيىم - كېچەكلەرنى ساقلاش ۋاقتىدا كۈيىدىن ۋە چىرىشتىن ساقلىنىش دېزىنفىكسىيە دۇرىسىمۇ ئادەمنىڭ تېرىسىنى غىدىقلاش رولىنى ئوينايدۇ ، بولۇپمۇ بالىلارغا ۋە تېرىسىدە ئوڭاي زىيادە سېزىمچانلىق كۆرۈلىدىغان كىشىلەرگە بولغان تەسىرى تېخىمۇ روشەن بولىدۇ . YgXئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى سالامەتلىككە كېپىللىك قىلىش ئۈچۈن ، يېڭى ئىچ كىيىملەرنى يەنىلا ئاۋۋال پاكىز سۇدا بىر قېتىم يۇيۇۋېتىپ ئاندىن كىيگەن ياخشى . YgXئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
|