جۇڭگو يېزا – ئىگىلىكى يۇقىرى تەننەرخلىق دەۋرىگە كىردى
رايۇن تەۋەلىكى:شىنجاڭ   يوللانغان ۋاقتى:2011年01月20日 22:20:11  [ساقلاش][مەلۇم قىلىش]

جۇڭگو يېزا – ئىگىلىكى يۇقىرى تەننەرخلىق دەۋرىگە كىردى
ئۆز مۇخبىرىمىز دوڭ جېنگو، سۇ ۋەنمىڭ، ۋاڭ جۇنۋېي تاھىرجان ئەركىن تەرجىمىسى
بۇ يىل كىرگەندىن بېرى ئېلىمىزنىڭ يېزا – ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى تەكرار ئېشىپ، جەمئىيەتتە كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. بۇنىڭغا قارىتا جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدە ھەر خىل گەپ سۆزلەر بولۇنۇپ، بۇ ئەھۋالنى «تەمىنلەش ئېھتىياج مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگىرىش نەزەرىيەسى»، «ئارا ھالقىدا باھا قوشۇلۇش نەزەرىيەسى»، «سۈنئىي ياسالمىچىلىق نەزەرىيەسى» قاتارلىق ھەر خىل قاراشلارغا باغلاپ چۈشەندۈردى. مۇخبىرىمىز زىيارەت داۋامىدا يۇقىرىقى سەۋەبلەرنىڭ ھەقىقەتەنمۇ مەلۇم بىر قىسقا مەزگىل ئىچىدە يېزا – ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرگەنلىكى، بىراق نىگىزلىك سەۋەبنىڭ سانائەتلىشىش، شەھەرلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىغا ئەگىشىپ ئېلىمىز يېزا – ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى تەننەرخلىق دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقى ئىكەنلىكىنى بايقىدى.
يېزا – ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى تەكرار ئاشتى
شەندوڭ ئۆلكىسى زاۋجۇاڭ شەھىرى شىجۇڭ رايونى يۇڭئەن يېزىسى جەيزى كەنتى ئاھالىسى شاۋ جاڭيى ئىلگىرىكى يىللاردىكى ئاشلىق تېرىش تارىخىنى ئەسلەپ «ھەر بىر جىڭ بۇغداينىڭ باھاسى بىر يۈەندىن يۇقىرى بولدى!» ـــ دېدى ئېغىر خورسىنىپ. ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى رايونلاردا بۇغداي باھاسى ئۇزۇندىن بېرى داۋالغۇش ئىچىدە تۇردى، بۇ ئەھۋال بۇ يىل كىرگەندىن بېرى تەدرىجىي بۇزۇپ تاشلاندى.
شەندوڭ ئۆلكىسىدىكى نۇرغۇن جايلاردا يېڭى بۇغداي بازارغا سېلىنىشىغا ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى 1.86 يۈەن بولدى. بازارغا سېلىنىپ بىر ھەپتىدىلا بۇ باھا 2 يۈەندىن ئېشىپ كەتتى، ھازىرغا قەدەر باھا تۆۋەنلىمىدى. لۇشىنەن بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش رايونىدا ھەر كىلوگىرام بۇغداينىڭ باھاسى 2.1 يۈەن ئەتراپىدا بولسىمۇ، دېھقانلارنىڭ ساتقۇسى كەلمىدى.
گۇرۇچ، قوناق، كۆكتات، مىۋە – چىۋە، شىكەر قاتارلىق يېزا – ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىمۇ بۇغدايغا ئوخشاش كۆرۈنەرلىك ئاشتى. «سەن بەك ئۆچ سامساق»، «ئويناشقاق پۇرچاق»، «قوناق تەلۋىلىكى»، «شىكەر خانغوجام» دېگەندەك توردىكى قىزىق نۇقتا سۆزلەملىرى 2010- يىلى جۇڭگودا ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىقتىسادى ئەھۋال ۋە خەلق تۇرمىشىغا مۇناسىۋەتلىك تېما بولۇپ قالدى.
بۇ قېتىملىق يېزا – ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنىڭ ئۆرلەش سەۋەبىنى ئاز بولمىغان كىشىلەر تۆت ئامىلغا يىغىنچاقلىدى. يەنى، ھاۋارايى، تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ يېزا – ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە تەسىر كۆرسىتىشى، يېزا – ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋلغۇچى ۋە پىششىقلاپ ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ كۆپىيىپ ئېھتىياجنىڭ ئېشىشى، پۇل سىياسىتىنىڭ قويىۋىتىلىشى، كىشىلەرنىڭ سۈنئىي ياسالمىچىلىق پەيدا قىلىشى قاتارلىقلار. مۇتەخخەسسىسلەر: «بۇلارنىڭ ھەممىسى قۇرۇلما، باسقۇچ، پەسىل خاراكتېرلىك ئامىللار بولۇپ، يېزا – ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى باھاسىنىڭ يۆنىلىشلىك ئۆزگىرىشىدە تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق سەۋەب بار. ياسالمىچىلىق قىلىش باھانىڭ ئەمەلىي يۇقىرىلىشى ئاساسىدا باھا ئۆزگىرىشىگە ئازراق تەسىر كۆرسەتتى خالاس» ـــ دەپ كۆرسەتتى.
جۇڭگو ئىجدىمائىي پەن ئاكادىمىيەسى يېزا تەتقىقات پونكىتى ماكرولۇق تەتقىقات ئىشخانىسىدىكى تەتقىقاتچى لى گوشياڭنىڭ بايقىشىچە، 2003-يىلى بولۇپمۇ 2004-يىلىدىن بۇيانقى قىسقىغىنە بىر نەچچە يىل ئىچىدە دۆلىتىمىزنىڭ يېزا – ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىر نەچچە نۆۋەتلىك باھا ئۆرلەشنى باشتىن كەچۈرگەن. شۇڭا، ھازىرقى باھا ئۆرلەش ئەھۋالىنى دەۋرىيلىك داۋالغۇش نەزەرىيەسى بىلەن چۈشەندۈرۈش قىيىن ئىكەن. بۇنداق نۆۋەتتىن نۆۋەتكە، مەھسۇلاتتىن مەھسۇلاتقا ئۇلىشىپ كەتكەن باھا ئۆرلەشنى چۈشەندۈرۈش تېخىمۇ تەس ئىكەن.
جۇڭگو ئىجدىمائىي پەن ئاكادىمىيەسى ئىقتىسادىي باھا مەركىزىنىڭ مۇدىرى لىيۇ يۈخۈي: «باھا ئۆرلەشنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق، يۆنىلىشلىك سەۋەبى دېھقانچىلىق تەننەرخىنىڭ قاتتىق يۇقىرىلىشىدا» ـــ دېدى.
شەندوڭ ئۆلكىسى ئىجدىمائىي پەن ئاكادىمىيەسى يېزا ئىقتىسادى تەتقىقات پونكىتىنىڭ باشلىقى چىن چىڭۋۇ: «دۆلىتىمىزنىڭ دېھقانلىرى ئاشلىق تېرىسا دائىم دىگۈدەك زىيان تارتاتتى. يېزا – ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى باھاسىنىڭ ئۆرلىشى مەھسۇلات باھاسىنىڭ ئەقلىي جەھەتتىن ئوربىتىغا چۈشكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ، بۇ دېھقانچىلىق تەننەرخىنىڭ يۇقىرىلىشىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى» ـــ دېدى.
«30 يىل مابەينىدە، ئېلىمىزنىڭ يېزا – ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى باھاسىنىڭ ئۆرلىشى بەش ھەسسىگە يەتمەيدۇ، شەھەر بازارلاردىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى بولسا 10 ھەسسە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، بەزى رايونلاردا 30 ھەسسىگە يەتتى. رۇشەنكى بۇ چوڭقۇر ئويلىنىپ بېقىشقا ئەرزىيدىغان ئىش.» ـــ دېدى شەندوڭ ئۆلكىسى خېزى شەھەرلىك يېزا ـ ئىگىلىك ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى خۈەيسۈن.
دېھقانچىلىق تەننەرخىنى ئىنچىكە ھېسابلاش
دېھقانلارنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى ئاساسلىقى ئۈچ تەرەپتىن كېلىدۇ. مۇخبىرىمىز تەكشۈرۈش ئارقىلىق يېقىنقى يىللاردىن بېرى بۇ ئاساسىي تەننەرخلەردە چوڭ كۆلەملىك قاتتىق ئېشىش كۆرۈلگەنلىكىنى بايقىغان.
بىرىنچى، ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرىنىڭ تەننەرخى كۆرۈنەرلىك ئاشقان.
شەندوڭ ئۆلكىسى جىياڭ ناھىيەسى جىياڭ بازىرى چېجيا كەنتى ئاھالىسى جېن چىڭخې مۇخبىرىمىزغا ئۆزىنىڭ دېھقانچىلىق سېلىنمىسىنى ئىنچىكە ھېسابلاپ بەرگەن. يەنى بىر مو يەرگە بۇغداي تېرىش ئۈچۈن كەتكەن ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرى پۇلى 450 يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ ماشىنىدا تېرىش، ئۆستۈرۈش، يىغىشقا 100 يۈەنچە، سۇغىرىشقا 60 يۈەنچە، خىمىيە ئوغۇتقا 220 يۈەنچە، يېزا – ئىگىلىك دورىسىغا 60 يۈەنچە، 6 كىلو ئۇرۇققا 10 يۈنچە پۇل كەتكەن. مو بېشىغا 400 كىلوگىرام ھوسۇل ئېلىندى دەپ ھېسابلىغاندا ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرىنىڭ تەننەرخى ئومۇمىي كىرىمنىڭ %50تىدىنمۇ يۇقىرىنى ئىگىلىگەن بولىدۇ.
كۆكتات، مىۋە – چىۋە قاتارلىق يېزا – ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىمۇ ئوخشاش. گۇاڭشى ئۆلكىسى نەننىڭ شەھىرى شىشياڭتاڭ رايونىدىكى پىشقەدەم كۆكتاتچى لىيۇ شيۇفىن مۇخبىرغا: «ھازىر كۆكتات ئۆستۈرۈش تەننەرخى ئىلگىرىكىدىن بەكلا ئېشىپ كەتتى. بۇ ئىككى يىلدا ئوغۇتمۇ خېلىلا قىممەتلەپ كەتتى. ھازىر بىر خالتا مۇرەككەپ ئوغۇت 180 يۈەن، باش باھاردا تىخىمۇ قىممەت 230 يۈەندىن 250 يۈەنگىچە بولىدۇ. يىللىق ھېساباتىمدىكى ئوغۇت سېتىۋىلىشقا كەتكەن چىقىملا 2000 يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ. يېزا – ئىگىلىك دورىلىرىمۇ قىممەتلەپ كەتتى. كىچىك قۇتىلىق 10 مىللىلېتىر دورا بەش يۈەن.» ـــ دېدى.
مۇتەخخەسسىسلەرنىڭ تەھلىلىچە يېقىنقى يىللاردىن بېرى گەرچە يىزا – ئىگىلىك ماتىرىياللىرىنىڭ باھاسىدا ئېگىز پەسلىك كۆرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق ئومۇمىي جەھەتتىن ئېشىش ھالىتىدە تۇرغان. ئاساسلىقى نىفىت، كۆمۈر قاتارلىق بايلىق مەنبەلىرى تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېنىرگىيە چەكلىمىسىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى، ئېلىمىز يىزا – ئىگىلىك ماتىرىياللىرى باھاسىنىڭ ئىزچىل ئۆرلىشىنى بەلگىلىگەن.
ئىككىنچى، يىزا ئەمگەك كۈچى باھاسى شىددەت بىلەن ئاشقان.
گۇاڭشى ئۆلكىسى پىڭشياڭ شەھىرى شياشى بازىرى لىيۇلى كەنتى ئاھالىسى سۇ دۈەنروڭ ئائىلىسى 100 مو يەردە شىكەر قۇمۇشى ئۆستۈرگەن، يىل بېشىدىكى قۇرغاقچىلىقمۇ بۇ پىشقەدەم شىكەرقۇمۇش ئۆستۈرگۈچىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويالمىغان. بىراق شىكەر قۇمۇشلارنى كەسلەيدىغان چاغدا ئەمگەك كۈچى يېتىشمەي غەمدە قالغان. ئۇ: «بىزنىڭ بۇ جاي تاغلىق يەر، شىكەر قۇمۇشنى يىغىۋېلىشنى ماشىنىلاشتۇرۇشقا ئامالسىز، ھەممىدە ئادەم كۈچىگە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. بىراق، ھازىر شىكەرقۇمۇشى كەسلەشكە ئادەم ياللاش يىلدىن يىلغا تەسلىشىپ كەتتى. كۈنلىكىگە 60-70 يۈەن بەرسەكمۇ ئادەم تاپقىلى بولمايدۇ. خالىغانلىرى يەنىلا يېشى بىر قەدەر چوڭلار بولۇپ، ياشلار بۇنداق ئېغىر ئەمگەكنى ئويلىشىپمۇ قويمايدۇ.» ـــ دېدى.
خېنەن ئۆلكىسى يۈچېڭ ناھىيەسى داۋاڭ كەنتى ئاھالىسى ۋاڭ جيافۇمۇ سۇ دۈەنروڭغا ئوخشاش غەمدە قالغان. ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ھەممىسىلا شەھەردە ئىشلەيدىغان بولۇپ، ھەر قېتىم ئورما ۋاقتى كەلگەندە غەمدە قالىدىكەن. ئۇ: « بۇرۇن بىر قانچە بوتولكا پىۋە، ئاز – تولا سوغۇق سەي بەرسەكلا ئىشلىشىپ بېرىدىغانغا ئادەم تاپالايتتۇق. ھازىر دەۋر ئوخشىمايدۇ، ئەمگەك كۈچى قىممەتلەپ كەتتى، كىشىلەرمۇ جاپالىق ئەمگەكتىن قاچىدۇ، شەھەرلەردىكى ياخشى خىزمەتلەرنى دېمەيلا قويايلى قۇرۇلۇشتا ئىشلىسىمۇ باشقىلارغا ياردەملىشىپ بۇغداي ئورۇغاندىن كۆپ پۇل تاپالايدۇ ـــ دە،» ـــ دېدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئىگىلىشىچە، يىقىنقى يىللاردىن بېرى شەھەرگە كىرىپ ئىشلەيدىغان دېھقانلار سانىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇنلىغان يېزىلاردا «ئىشلەمچى قىس بولۇش» ئەھۋالى كۆرۈلگەن. گۇاڭشى ئۆلكىسى فۇسۈي ناھىيەسى چاڭپىڭ يېزىسى مۇمىن كەنتىدىكى دېھقانلار دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە شىكەرقۇمۇشى كەسلەش، شال ئورۇشقا ياللاش ئۈچۈن ئىشلەمچى تاپالمىغان. گۇاڭشىنىڭ ۋېيتنام چىگراسىغا يېقىن بىر قىسىم رايونلىرىدا چېگرادىن قانۇنسىز كىرگەن ۋېيتناملىق ئىشلەمچىلەر پەيدا بولۇشقا باشلىغان.
جۇڭگو خەلق ئۇنۋېرستېتى يىزا – ئىگىلىكى ۋە يېزا تەرەققىياتى ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جېڭ فىڭتيەننىڭ قارىشىچە يېزا – ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا پۇرسەت تەننەرخىنى ئويلىشىش زۆرۈر ئىكەن. پۇل – مۇئامىلە كىرىزىسىدىن كېيىن، «ئىشلەمچى قىس بولۇش» سەۋەبلىك دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققى ئومۇمىيۈزلۈك، زور كۆلەمدە يۇقىرىلىغان. بۇ خىل ۋەزىيەتتە يېزا – ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ئەمگەك كۈچى تەننەرخىنىڭ يۇقىرىلىشى مۇقەررەر ئىكەن.
ئۈچىنچى، يەر ئىجارىسى بارغانسېرى ئاشتى.
خېنەن ئۆلكىسى يۈچېڭ ناھىيەسىدىكى دېھقان ۋاڭ جيافۇ بۇ يىل كۈزدە ئالتە مو يېرىنى ئىجارىگە بېرىۋەتكەن. ئۇ مۇخبىرغا: «ھەر بىر مو يەرنىڭ يىللىق ئىجارىسىنى 1000 يۈەندىن بەش يىللىق ئىجارىگە بەردىم. ئىجارە ئالغۇچى دورا ئۆسۈملۈكى تېرىيدىكەن. ئىلگىرى بۇنداق يۇقىرى باھادا ئىجارىگە بېرىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. دەرۋەقە يىلىغا ئىككى قېتىم تېرىقچىلىق قىلىپمۇ ئانچە كۆپ پايدا ئالالمايتتۇق. بىراق، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ يەردە يەر ئىجارە ئېلىپ كەڭ كۆلەمدە چوغلۇق، تاۋۇز، شوخلا قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى تېرىيدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىپ كەتتى. يەرنىڭ باھاسىمۇ بىلىنمەيلا ئۆسۈپ كەتتى.» ـــ دېدى.
نىسبەتەن چوڭ كۆلەمدە شىكەر قۇمۇشى تېرىيدىغان سۇ دۈەنروڭ ئائىلىسىمۇ يەر ئىجارىسىنىڭ ئۆسۈشى سەۋەبىدىن بېسىم ھېس قىلىشقا باشلىدى. سۇ دۈەنروڭ تونۇشتۇرۇپ: «ئىككى يىل بۇرۇن بىنەم يەرنىڭ ھەر موسىنى 200 يۈەندىن، تاغ باغرىدىكى يەرنىڭ ھەر موسىنى 30 يۈەندىن ئىجارىگە ئالغان ئىدىم. بىراق بۇ يىل بىنەم يەرنىڭ ھەر موسىنى 400 يۈەندىن، تاغ باغرىدىكى يەرنىڭ ھەر موسىنى 60 يۈەندىن70 يۈەنگىچە ئىجارىگە ئالدىم. باھا بىر ھەسسە ئاشتى.» ـــ دېدى.
جېڭ فىڭتيەننىڭ قارىشىچە شەھەرلەر ئىگىلىگەن يەر كۆلىمىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىغا ئەگىشىپ يەر بايلىقى يىلسېرى قىسلىشىپ، يەر باھاسىنىڭ ئۆرلىشى بىر خىل ئۇزۇن مەزگىللىك يۈزلىنىشكە ئايلانغان. بولۇپمۇ بىر قىسىم چوڭ شەھەرلەرنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا يەر ئىگىلىگەندە ئېرىشكىلى بولىدىغان تۆلەم بارغانسېرى يۇقىرىلىغان، بۇ يىزا – ئىگىلىكى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يەرلەرنىڭ تەننەرخىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىۋەتكەن.
ھۆكۈمەت تېخىمۇ زور ئۇتۇققا مۇھتاج
مۇتەخخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، يېزا – ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنىڭ يۇقىرىلىشى، يېزا – ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ئېلىمىزنىڭ سانائەتلىشىش، شەھەرلىشىش تەرەققىياتىنىڭ بەلگىلىك باسقۇچقا يەتكەنلىكىنىڭ مۇقەررەر مەھسۇلى ئىكەن. يېزا – ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى باھاسىنىڭ مۇقىم ئۆرلىشى زۆرۈر ۋە مۇۋاپىق، شۇنداقلا دېھقانلارنىڭ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش تەننەرخىنى ئۆستۈرۈشتەك يوللۇق تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇپ، دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپچانلىقىنى قوغداشقا پايدىلىق ئىكەن. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى يېزا – ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى باھاسىنىڭ يۇقىرىلىشىغا قارىتا نۇرغۇن دېھقانلار ئۆزلىرىگە نەپ تەككەنلىكى، دېھقانچىلىق قىلىش ئويىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى ئىنكاس قىلغان، ئۇلارنىڭ ئاكتىپچانلىقى ئاشقان.
مۇتەخخەسسىسلەر ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا يېزا – ئىگىلىكىنىڭ «يۇقىرى تەننەرخ دەۋرى»گە كىرگەنلىكىدەك رىئاللىقنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، سىياسەت بەلگىلەپ ئاكتىپ يۈزلىنىش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.
بىرىنچىدىن، يېزا – ئىگىلىكىنى قوللاش ۋە مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى زورايتىش، بولۇپمۇ ئېتىز – ئېرىق سۇ ئىنشائاتى سېلىنمىسى، ئىشلەپچىقىرىش ماتىرىياللىرى تولۇقلىما ياردەم سېلىنمىسى ۋە يېزا – ئىگىلىكى پەن – تېخنىكا سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، يېزا – ئىگىلىكنىڭ خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە تېخنىكا سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ تەجرىبىسىدىن شۇ ئايانكى، سانائەتلىشىش قانچە تەرەققىي قىلسا، يېزا – ئىگىلىكى قوغدىلىشقا شۇنچە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. يېزا – ئىگىلىك كاپالەتلەندۈرۈلگەنسېرى ئىقتىسادىي، ئىجدىمائىي تەرەققىيات شۇنچە ئىشەنچىگە تولىدۇ.
ئىككىنچىدىن، يېزا – ئىگىلىكنى كۆلەملەشتۈرۈش، كەسىپلەشتۈرۈشنى، كوللىكتىپ ئىگىلىكىدىكى تەشكىلات ۋە ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىش، كەسىپلەشكەن، كۆلەملەشكەن ئىگىلىك ئارقىلىق دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، پايدىنى ئاشۇرۇش لازىم.
ئۈچىنچىدىن، يېزا – ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھا يۈزلىنىش مىخانىزمى ۋە ھالقىلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تونۇپ يېتىپ، يېزا – ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھا سەۋىيەسىنى مۇۋاپىق تەڭشەش، يېزا – ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى باھاسىنىڭ مۇۋاپىق ئۆسۈشىنى سۈنئىي ۋە مەجبۇرىي يوسۇندا چەكلەپ، يېزا – ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپچانلىقىغا زەربە بېرىشتىن ساقلىنىش لازىم. بولۇپمۇ، يېزا – ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىن كېيىنكى مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، يېزا – ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئوبۇرۇت ۋە سېتىلىش ھالقىلىرىنى تەرتىپكە سېلىش، كۆپ قىسىم پايدىنىڭ غەيرىي يېزا – ئىگىلىك ھالقىلىرىغا ئېقىپ كېتىپ، دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى ۋە ئىستىمالچىلارنىڭ نامۇۋاپىق يىمەكلىك چىقىمىنىڭ كۆپىيىپ كىتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
تۆتىنچىدىن، ئىمپورت – ئېكىسپورت سودىسىدىن ئىلمىي ۋە مۇۋاپىق پايدىلىنىشنى ۋاسىتە قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ يېزا – ئىگىلىكىنى قوغداشنى كۈچەيتىش. تەجرىبىلەردىن ئايانكى، بىر دۆلەتنىڭ يېزا – ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى ئۆرلىسە، باھا ئېگىز – پەسلىكى كۆرۈلۈپ، ئاسانلا دۆلەت سىرتىدىكى يېزا – ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ، شۇڭا تېزدىن تەدبىر قوللۇنۇپ، ئاكتىپلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇش زۆرۈر.



  ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى
يوللىغۇچى:
تەشتار (بېكەت قىسقا ئۇچۇرى يوللاش)
ئېلخەت:
tayir101@yahoo.com.cn
ئالاقە ئۇسۇلى:
ئادېرىسى:
 
رايۇن تەۋەلىكى
 شىنجاڭ  ئۈرۈمچى  سانجى
 قەشقەر  قارماي  ئاقسۇ
 كورلا  خوتەن  غۇلجا
 تۈرپان  ئاتۇش  باشقا جايلار
  ئۆي ئۇچۇرلىرى
ئىجارە ئېلىش ئىجارە بېرىش ئىشخانا ئۆي
ئۆي سېتۋېلىش ئۆي سېتىش دۇكان ئورنى
  ئاۋات بازار
كومپيۇتېر ئېلىكترونلۇقلار
ئالاقە قۇراللىرى كۈندىلىك بويۇملار
  دوستلىشىش ئۇچۇرلىرى
يەرلىك ئۇچۇر سېتىۋېلىش ئۇچۇرى
ساياھەت ئۇچۇرلىرى قۇلايلىك ئۇچۇرلار
  خىزمەت ئۇچۇرلىرى
قۇرلۇش ،تېخنىكا ئىقتىساد سودا
يىمەك ئىچمەك تىجارەت باشقۇرۇش
تەۋسىيىلىك ئۇچۇرلار